باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ماركىسىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇپ چىقايلى

___ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2018.05.08 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ماركسىزم باشتىن-ئاخىر پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، بىزنىڭ دۇنيانى تونۇش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، ھەقىقەتنى ئىزدەش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالىمىز.»

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 4-ماي ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەر بىر قانچە كۈندىن بۇيان ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دېيىشتى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ماركىسىزمنىڭ شانلىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججىتى. سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ماركىسىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېپيېڭى روھىي قىياپەت ۋە كۈرەش ھالىتى بىلەن جەسۇر ئالغا ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشى، پەن-تېخنىكىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ماركىسىزم يەنىلا ئىلمىي ئىدىيەنىڭ ئۇلۇغۋار كۈچىنى نامايان قىلىپ، ھامان ھەقىقەت ۋە ئەخلاقنىڭ چوققىسىدا تۇرماقتا.

  رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ماركسنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە مەنىۋى بايلىقى دەل ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئىلمىي نەزەرىيە ــــ ماركسىزم. بۇ نەزەرىيە خۇددى پارلاپ كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياش كەبى ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي قانۇنىيەت ۋە ئۆز ئازاتلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش يولىنى يورۇتتى.

  ھەر قايسى ئۇرۇش رايونلىرى، ھەرقايسى ئارمىيە قىسىملىرى، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى پارتكوملارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى ئۆگىنىپ مۇھاكىمە قىلغاندا مۇنداق قارىدى: ماركسىزم ئىلمىي نەزەرىيە، خەلقنىڭ نەزەرىيەسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن نەزەرىيە، ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىدىغان ئوچۇق نەزەرىيە بولۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرىپ، خەلقنىڭ ئۆز ئازاتلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ ئىدىيەۋى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ماركىسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچىنى شەرھلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ماركسىزمغا بولغان قەتئىي ئېتىقادىنى ئېنىق جاكارلاپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردە ماركىسىزمدا چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىمىزغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى،بۇ سۆز پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماركىسىزملىق ئىلمىي ئېتىقادى، كوممۇنىستىك ئۇلۇغۋار غايىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى چىڭىتىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر