باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ماركسىزمنىڭ ئىلمىي ئەقىل-پاراسىتى ۋە نەزەرىيە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلايلى

ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى توغرىسىدا(3)

2018.05.08 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ھەر ۋاقىت نەزەرىيەۋى تەپەككۇر بولمىسا ھەرگىز بولمايدۇ؛ ئوبيېكتىپ دۇنيانى تونۇش ۋە ئۆزگەرتىش ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالدىن ھەر ۋاقىت ئايرىلالمايدۇ.

  «يېڭى دەۋردە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى يەنىلا ماركستىن ئۆگىنىپ، ماركسىزمنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدىن ئۈزلۈكسىز ئىلمىي ئەقىل-پاراسەت ۋە نەزەرىيە كۈچى قوبۇل قىلىشى كېرەك». ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلاردىن، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن ماركسىزم، لېنىنىزمنى تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۇزاققىچە ئۆگىنىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، سوئال قويۇپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئىلمىي ئىدىيەۋى نەزەرىيەنى دۇنيانى تونۇش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قۇدرەتلىك ماددىي كۈچكە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ ماركسىزمنى ئۆگىنىشىمىز ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز، كاللىمىزنى ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن يەنىمۇ قوراللاندۇرۇشىمىزنى ئۇسۇل ۋە كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم بىلەن قوراللانغان پارتىيە، ماركسزم جۇڭگو كوممۇنىستلىرى غايە-ئېتىقادىنىڭ جېنى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۈشكۈل قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ زورىيىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب دەل ئىدىيە ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە ئارقىلىق پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا باشتىن-ئاخىر ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدە. يېڭى دەۋردە جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، ماركسىزمنىڭ پىرىنسىپىنى چۈشىنىشنى ئۆزلىرىنىڭ بىر خىل تۇرمۇش ئادىتى، مەنىۋىي ئىنتىلىشى قىلىشى، كلاسسىك ئەسەرلەر ئارقىلىق دۇرۇس ئىستىل تۇرغۇزۇشى، ئىدىيەسىنى تاۋلىشى، مەنزىلىنى يۈكسەلدۈرۈشى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  ماركسىزمنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيەسى مول، مەزمۇنى چوڭقۇر بولۇپ، ئۆگەنگەنسېرى يېڭىلىنىدۇ. يېڭى دەۋردە ماركستىن ئۆگىنىشتە، خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەلەپ قىلغاندەك، ماركسىزمنىڭ كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، خەلق دېموكراتىيەسى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، كىشىلەر بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، دۇنيا تارىخى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشىمىز ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. چېچىلاڭغۇ ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق، قۇرۇق ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان بىر قاتار زور مەسىلىلەرنى تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئويلانساق ۋە ئىگىلىسەكلا، ئىرادىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن، ئىشەنچىمىز تېخىمۇ چىڭىغان، ئەقىل-پاراسەتكە تېخىمۇ تولغان ھالدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ توغرا نىشاننى بويلاپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر