باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ماركسىزم ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىش، دەۋرنى چۈشەندۈرۈش، دەۋرنى يېتەكلەش كېرەك

___باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ياش ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2018.05.07 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. «بۇ نەزەرىيە خۇددى ھەيۋەت بىلەن كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا ئوخشاش، كىشىلەرنىڭ تارىخىي قانۇنىيەت ۋە ئۆز ھۆرلۈكى ئۈستىدە ئىزدىنىش يولىنى يورۇتۇپ بەردى»، « ماركسىزم دۇنيانى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، جۇڭگونىمۇ چوڭقۇر ئۆزگەرتتى »، «ماركسىزم باشتىن-ئاخىر پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، بىزنىڭ دۇنيانى تونۇش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، ھەقىقەتنى ئىزدەش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالىمىز»...

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى بارلىق ياشلار، بولۇپمۇ ياش ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ماركسىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى جۇڭگو زېمىنىدا جانلىق نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

  دەۋردىن بارلىققا كېلىش، دەۋر ھالقىش

  ماركسىزمنىڭ گۈزەل ياشلىقى مەڭگۈ ساقلىنىدۇ

  «ياخشىمۇسىز، ماركس»، «سوتسىيالىزم <بىر ئېقىم>»، «ماركس توغرا دەيدۇ»...ئىككى ئەسىر ئۆتۈپ كەتتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە غايەت زور ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، بىراق ماركسنىڭ نامى يەنىلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلدى، ماركس تەلىماتى يەنىلا ھەقىقەت نۇرىنى چاچماقتا.

  «ئەتراپىمىزدا ماركسنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدىغان ياشلار بارغانسېرى كۆپەيدى» دېدى ئىچكى موڭغۇل داشۆسى ئاممىۋى باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى پەن شۆشى، ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە مەكتەپتە «ماركسىزم كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا يېتەكلەش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ماركس بىلەن «بىۋاسىتە سۆھبەتلەشتى».

  ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، «90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» ئوقۇغۇچىلار ماركسىزم ئىدىيەۋى نەزەرىيەسى بىلىمىنىڭ موللىقى، مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كىشىنى ناھايىتى جەلپ قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى. پەن شۆشى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، روھىمىز ھەسسىلەپ ئۇرغۇپ، ماركسىزملىق نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە بولغان ئىنتىلىشىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر