باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ماركسىزم جۇڭگونى داغدام يولدا مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭىشقا يېتەكلىدى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى توغرىسىدا(2)

2018.05.07 14:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ماركسىزم دۇنيانى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپلا قالماي، جۇڭگونىمۇ چوڭقۇر ئۆزگەرتتى»، «ماركسىزم جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇشنىڭ داغدام يولىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭىشقا يېتەكلىدى»، ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ تارىخ، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات تارىخىنى چىقىش قىلىپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن ئۇلۇغ ھالقىشنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ، ماركسىزمنىڭ بىزنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت قۇرۇشتىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيەمىز بولۇشتەك ئۇزاق مۇددەتلىك يېتەكچى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشتە، ئاڭلىق ھالدا ماركسىزمنىڭ سادىق ئېتىقادچىلىرى، قەتئىي ئەمەلىيەتچىلىرى بولۇپ، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي تىرىشىشىمىز كېرەك.

  ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر پاراخوت-زەمبىرەكلىرىگە تايىنىپ، جۇڭگونىڭ دەرۋازىسىنى قوپاللىق بىلەن ئېچىپ، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي مۇساپىدە شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان جۇڭخۇا مىللىتى ئىچكى-تاشقى مالىمانچىلىق قاپلىغان ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ باي-قۇدرەتلىك، خەلقنىڭ بەخت-سائادەتلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىگە ئايلاندى. كونىچە دېھقانلار ئۇرۇشى ئاخىرقى نۇقتىغا بېرىپ قالغان، فېئوداللىقنىڭ يىلتىزىغا تېگىش قىلمايدىغان ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەرىكىتى ۋە ئىسلاھاتچىلىق ئارقا-ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، باشقا تۈرلۈك لايىھەلەر ئارقا-ئارقىدىن بەربات بولغان ئەھۋالدا... ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ زەمبىرەك ئاۋازى جۇڭگوغا ماركسىزم-لېنىنىزمنى ئېلىپ كېلىپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جاپالىق چىقىش يولى ئىزدەۋاتقان جۇڭگو خەلقىگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، ئۇلارنى يىپيېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ چوڭ تارىخىي دولقۇندا، ماركسىزمنى يېتەكچى قىلغان، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىسىنى باتۇرلارچە زىممىسىگە ئالغان، جۇڭگو خەلقىنى باشلاپ ئالەمشۇمۇل مۆجىزە يارىتىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بارلىققا كەلگەن. ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بۇ زور ئۆزگىرىش يېقىنقى دەۋردىن كېيىنكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ۋە تەقدىرىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى.

  ماركس ياشىغان دەۋر دەل جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخى باشلانغان دەۋر. ماركس غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئەينەن ئەھۋالنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ، جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلىغان. ماركس، ئېنگېلس جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كىشىلەر مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە قوشقان تۆھپىسىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرگەن، «جۇڭگو سوتسىيالىزمى»نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنى ئىلمىي مۆلچەرلىگەن. بۈگۈنكى كۈندە، ماركسقا شۇنداق تەسەللى بېرەلەيمىزكى، ماركسىزم جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇشنىڭ داغدام يولىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭىشقا يېتەكلىدى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشى ماركس، ئېنگېلس تەسەۋۋۇر قىلغان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىدا جانلىق نامايان قىلغۇسى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر