باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ داشۆسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

يېڭى دەۋر بىلەن تەڭ ئالغا ئىلگىرىلەيلى

2018.05.04 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2-مات بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن ياشلىق غايىسى توغرىسىدا سۆزلىشىپ، ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجىنىڭ مول مەزمۇنلۇق، چوڭقۇر ئىدىيەلىك، سەمىمىي، چوڭقۇر مەنىلىك مۇھىم سۆزى ۋېيمىڭخۇ كۆلىدى بويىدىن جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىگە تارىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ، غەيرىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ياش ئەۋلادلارنىڭ غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، يېڭى دەۋر بىلەن تەڭ ئالغا ئىلگىرىلەشتەك جۇشقۇن ھېسسىياتىغا زور ئىلھام بېرىپ، ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشىدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە داشۆ قۇرۇپ چىقىش، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ياشلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش قىزغىنلىقىنى كۈچلۈك قوزغىدى.

  جەزمەن جۇڭگو زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان داشۆ قۇرۇش كېرەك

  داشۆ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان جاي. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەكتەپلەرنىڭ قانداق كىشىلەرنى تەربىيەلىشى، قانداق تەربىيەلىشى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ مائارىپىمىز سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

  چىڭخۇا داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى چېن شۈ مۇنداق دېدى: ماركسىزم بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش ۋە دۆلەت قۇرۇشتىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيىمىز، سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا جۇڭگونى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرەلەيدۇ، بۇ تارىخىنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ___ ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە نىشان كۆرسەتكۈچى. بۇلتۇر، «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەنلەر تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ بەرپا قىلىدىغان 42 ئالىي مەكتەپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن بەرپا قىلىدىغان95 ئالىي مەكتەپ بار. ھازىر، بۇ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلاندى.

  قانداق قىلغاندا جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتقان داشۆ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ؟ جېجياڭ داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى زۇ شياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە، دىققەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، مەڭگۈ بوشاشماسلىق روھىي ھالىتى ۋە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈرەش ھالىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشكە كۈچ قوشۇش؛ ئەمەلىيەتكە باغلاپ، بىلىم بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى جېجياڭغا قويۇپ، مەملىكەتكە، دۇنياغا يۈزلىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ۋە ئىستراتېگىيەنى چۆرىدەپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «تۆتكە مۇلازىمەت قىلىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا تۈرلۈك ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر