باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تىرىشىپ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە داشۆ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2018.05.04 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مائارىپ كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ئالىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك.

  «سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇش»، «دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە داشۆ قۇرۇپ چىقىش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ داشۆسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىدە سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى شەرھلەپ، «ئۈچ تۈرلۈك ئۇللۇق خىزمەت»نى ياخشى تۇتۇش مۇھىم ۋەزىپىسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانداق ئالىي مائارىپ قۇرۇش، ئالىي مائارىپنى قانداق قۇرۇشتىن ئىبارەت زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە داشۆ قۇرۇپ چىقىشنى ئىدىيە يېتەكچىلىكى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن داشۆلەرنىڭ تەرەققىياتى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. ئالىي مائارىپ بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئالىي مائارىپ، ئىلىم – پەن بىلىملىرى ۋە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىلگىرىكى ھەرقانداق چاغدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تەخىرسىز بولۇۋاتىدۇ. ئۆزگىچە تارىخ، ئۆزگىچە مەدەنىيەت، ئۆزگىچە دۆلەت ئەھۋالى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئالىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇپ چىقىشىمىزنى بەلگىلىگەن، شۇڭا، چوقۇم جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆزۈمىزنىڭ يولىدا مېڭىپ، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتقان داشۆ قۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىختىساسلىقلارغا باغلىق، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مەكتەپكە باغلىق». سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ مائارىپ فاڭجېنى، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئورتاق بۇرچى. بۈگۈنكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئالتۇن مەزگىلى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن تامامەن ماس كېلىدۇ، ئىگىلىك تىكلەش سەھنىسى مىسلىسىز كەڭ، ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىستىقبالى مىسلىسىز پارلاق. ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىشىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى.ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قانداق ئادەم تەربىيەلىشى، ئادەمنى قانداق تەربىيەلىشىدىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىگە ياخشى جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، «ۋەتەننى سۆيۈش، ئىرادىلىك بولۇش، ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش»نى يېتەكچى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ غايە چىرىغىنى ياندۇرۇپ، ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇپ، ۋەتەن ۋە خەلققە ئېھتىياجلىق تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرگەندىلا، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە داشۆ قۇرۇپ چىققىلى، دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر