باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

زامانىمىز ياشلىرى ياخشى دەۋرگە توغرا كەلدى، ئۇلار ئېغىر ۋەزىپىنى زېممىسىگە ئالغان

خەن ۋېيجېڭ

2018.05.03 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ماي ياشلار بايرىمى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى.

  شى جىنپىڭ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەڭلا «ئىتتىپاقلىشىپ جۇڭخۇانى گۈللەندۈرەيلى»دەپ توۋلىدى.

  بۇ جاھاننى لەرزىگە سالىدىغان سادالار بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئەجدادلارنىڭ قولىدىن ۋەتەننى سۆيۈش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋارىسلىق قىلىش بايرىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ، كىشىلەرگە جۇڭگو ياشلىرىنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرى ۋە جاسارىتىنى نامايەن قىلدى.

  شى جىنپىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: بارلىق ياشلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جەڭگىۋار قۇشۇنىغا ئايلىنىپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى زېممىسىگە ئېلىشى كېرەك. تارىخقا نەزەر تاشلىساق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش باشتىن –ئاخىر ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىلغار ياشلارنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى بولۇپ كەلدى.

  «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ئۈچۈن، ياشلىقىمنى بېغىشلايمەن، ياشلىق باھارىمنى ئائىلە، دۆلەت، مىللەت، ئىنسانىيەت، دۇنيا، كائىناتقا بېغىشلايمەن».بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لى داجاۋنىڭ كۈرەش شۇئارى ۋە بۇرچ خىتابى. 1919- يىلى «4- ماي»ھەرىكىتى پارتلىدى، بۇ ھەرىكەتنىڭ رەھبىرى 30 ياشلىق «ياش پىروفېسسور» لى داجاۋ ئىدى.

  1921-يىلى جياشىڭنىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى ساياھەت كېمىسىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1- قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان 13 ۋەكىلنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 27.7 ياش ئىدى.

  بۈگۈن بىز ئەجدادلارنىڭ روھىغا شۇنداق دىيەلەيمىزكى، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتۇق، تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ بەكرەك ئىشەنچىمىز بار، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئىقتىدارىمىز بار.

  ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزنى باي-قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. زامانىمىز ياشلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، نۇرغۇن كىشى شۇ چاغقا بارغاندا 60 ياشقىمۇ كىرمەيدۇ، بۇ ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىغا شەخسەن قاتنىشىپ ۋە شاھىد بولۇپ، نەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەقىقەتەن ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ زور بەخت.

  كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بارلىق ياشلار ياشاۋاتقان ياخشى دەۋرگە توغرا كەلدى، ئۇلار مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسى زېممىسىگە يۈكلەنگەن يېڭى دەۋر كىشىلىرى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر