باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

«بىر تاختا شاھمات»نى ياخشى پىلانلاپ، بىر پىلاننى ئاخىرغىچە داۋالاشتۇرايلى

2018.04.28 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قانداق ماڭىدۇ؟ جۇڭخۇا مىللىتى ئانا دەرياسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قانداق مەڭگۈ ساقلايدۇ؟ بۇ بىز چوقۇم جاۋاب بېرىشقا تېگىشلىك تارىخىي مەسىلە ۋە دەۋر تېمىسى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ۋۇخەندە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا چوقۇم توغرا ئىگىلەشكە تېگىشلىك بەش مۇناسىۋەت ___ ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش، ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاش بىلەن ئۇزاققىچە تىرىشىش، كونا قۇۋۋەتنى تۈگىتىش بىلەن يېڭى قۇۋۋەتنى يېتىلدۈرۈش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئانا دەريانىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىشىمىزنى ئاساسىي بىلىش نەزەرىيەسى ۋە مۇھىم مېتودولوگىيە بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نۇرغۇن مۇھىم يىغىنلاردا «كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى بىللە تۇتۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىق» مۇھىم ئىدىيەسىنى تەكىتلىدى. 2016-يىلى 1-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەر ۋە گوۋۇيۈەن ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ ۋە پىكرىنى ئاڭلىدى. 2016-يىلى 3-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا، «چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى پىروگراممىسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتىپ، نىشان تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم تەدبىرلەر چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا «بىر تاختا شاھمات» تىزىپ، پىلان تۈزدى. بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىمىز بۇ «بىر تاختا شاھمات»نى كونكرېت قانداق مېڭىشنى پىلانلاپ، بۇ پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر