باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تور ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرايلى

____ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (5)

2018.04.26 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تور ئۇچۇر ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.

  «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تور ئۇچۇر خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، تور ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.» مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئامانلىقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تور ئۇچۇر ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ بىر قاتار نىشانلىق، ئومۇمىيلىق، تۈپ مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيەنىڭ تور ئۇچۇر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشكە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى تور ئۇچۇر خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە، پۈتۈن ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تور ئۇچۇر ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىزنىڭ تۈپ سەۋەبى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقى، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنىڭ توغرا يېتەكلىگەنلىكىدىن بولغان. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇشى بىلەن، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ ئىلمىي نەتىجىسى. تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇتۇپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز بېيىتقاندىلا، باشتىن-ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرەلەيمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر