باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دۆلەت تور بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەيلى

ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا(3)

2018.04.24 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تور بىخەتەرلىكى، كىچىككىنە ئىش بولسىمۇ ئومۇمىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  «تور بىخەتەرلىكى بولمىسا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى بولمايدۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ مۇقىم ئايلىنىشى بولمايدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ.» مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تور بىخەتەرلىكى ئېڭىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، دۆلەت تور بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت تور بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلدى.

  «تور بىخەتەرلىكى بولمىسا، دۆلەت بىخەتەرلىكى بولمايدۇ» دېگەن ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن تارتىپ، «توغرا تور بىخەتەرلىكى قارىشى تۇرغۇزۇش»نى ئالاھىدە تەكىتلەش ۋە «ئومۇمىي دۆلەت بىخەتەرلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ئېنىق تەلىپىگىچە، پارتىيە 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت تور بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تور بىخەتەرلىكى قانۇنىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، تور بىخەتەرلىكى كاپالىتى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت تور بىخەتەرلىكى توسۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتىكى، ھازىر دۇنيا مىقياسىدا تور بىخەتەرلىكى تەھدىتى ۋە خەتىرى كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ، زور تور بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرى پات-پات يۈز بەرمەكتە، بۇ جەھەتتە زور بۇزغۇنچىلىق ۋە قىرغىن قىلىش كۈچىگە ئىگە؛ دۆلىتىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسى تېخى مۇكەممەللەشمىدى، ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان تور بىخەتەرلىكى خەۋپى ۋە مۇھاپىزەت ئىقتىدارى يېتىشمەسلىكتىن ئىبارەت زىددىيەت كۈنسېرى گەۋدىلىك بولماقتا. ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە بىزدىن دۆلەت تور بىخەتەرلىكى توسۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر