باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

توردا ۋە تور سىرتىدا مەركەزداش چەمبەر بەرپا قىلايلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

2018.04.23 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئورتاق تونۇشنى، ئەلرايىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، كۈچنى توپلىغاندىلا، ئىشتا غەلىبە قازىنالايمىز.

  «توردا ۋە تور سىرتىدا مەركەزداش چەمبەر بەرپا قىلىپ، جەمئىيەتتە ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك». مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ توردىكى ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلىدى ھەم ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان تور بوشلۇقى بەرپا قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتا زور ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك قىممىتى ۋە ئەمەلىي يېتەكلەش رولىغا ئىگە.

  تور خەلق تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىۋاتقان، تور ئەھلى سانى دۇنيادا بىرىنچى تۇرىدىغان، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تور چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى. ئالاقە تورى دەۋرىمىزدىكى ئەڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىگە ئىگە ساھە، شۇنداقلا بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشچان مىقدار بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاقە تورىدىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىسەك، ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەيدىغانلىقىمىزنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولۇشى كېرەك. توردا ۋە تور سىرتىدا مەركەزداش چەمبەر بەرپا قىلىش ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش كېرەك.

  توردا ۋە تور سىرتىدا مەركەزداش چەمبەر بەرپا قىلىش بىزدىن تورنى ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان، كارخانا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، جەمئىيەت نازارەت قىلىدىغان، تور ئەھلى تەلەپچان بولىدىغان كۆپ سۇبيېكت قاتنىشىدىغان، ئىقتىساد، قانۇن، تېخنىكا قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەر ئۆز ئارا بىرلىشىدىغان ئۇنىۋېرسال تور ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. تېخنىكىدا ئازراق ئىلگىرىلەش بولسا، باشقۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول باشلىق»لار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، تېخنىكا ئارقىلىق تورنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئالاقە تورى كارخانىلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئالاقە تورىنىڭ زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىدىغان، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ جېدەل تېرىدىغان سۇپىغا ئايلىنىپ قېلىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك. ئالاقە تورى كەسپىگە قويۇلىدىغان تەلەپنى كۈچەيتىپ، تور ئەھلىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھەر قايسى جەھەتتىكى كۈچلەرنى تورنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. توردا ۋە تور سىرتىدا يېقىندىن ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرغاندىلا، تور ئىستىھكامىنى چىڭ ئىگىلەپ، تور ئاساسىي يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر