باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستىراتېگىيەلىك ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرايلى

___ باش شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (1)

2018.04.23 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالاقە تورىنى كىم ئىگىلىسە دەۋرنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى شۇ قولىدا تۇتالايدۇ.باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىنقىلابىنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسىتى ۋە خىرىسىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تور ئۇچۇر ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يۈكسەك ئومۇملاشتۇرۇپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، نىشان خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك ۋە ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك بىر قاتار مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تور ئۇچۇر خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. بۇ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم نەزەرىيەدە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلگەن ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇش، ئاقىل جەمئىيەت قۇرۇشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.

  ئالاقە تورى دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم كۈچ، ئالاقە تورىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنىڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان دائىرىسى كەڭ، دەرىجىسى چوڭقۇر بولۇپ، باشقا پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرىنى بۇنىڭغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ھازىرقى دۇنيادا، كىمكى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى بەكرەك تونۇسا ۋە ئىگىلىسە، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە شۇ تېخىمۇ ئۇيغۇنلىشالايدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلالايدۇ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى ۋە ئۈستقۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ تۈرتكە بولالايدۇ، يېڭى، ھەر تەرەپلىمە، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىدە يېڭىپ چىقالايدۇ. ئۇچۇرلاشتۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىگە تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، بىز بۇنىڭدىن ھەرگىز دېلىغۇل بولماسلىقىمىز، بوشاڭلىق قىلماسلىقىمىز، چوقۇم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر