باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

بىرلىكتە تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، گۈزەل ئاسىيا ۋە دۇنيا بەرپا قىلايلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا (3)

2018.04.13 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

  دۇنيانى تىنچ ۋە خاتىرجەم، تۇرمۇشنى بەختلىك ۋە گۈزەل قىلىش ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

  «مەن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، بىرلىكتە تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، گۈزەل ئاسىيا ۋە دۇنيا بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن». بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەۋقەسىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ جۇڭگو لايىھەسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ كەڭ قورساقلىقى، ئەتراپلىق ۋە كەڭ نەزەر دائىرىسى ھەم تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى دادىللىق بىلەن تولۇق نامايان قىلىپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئىشەنچ ئاتا قىلدى، كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  «مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان دۇنيادا ئىنسانىيەت جەمئىيىتى قاياققا قاراپ ماڭىدۇ؟ ئاسىيانىڭ ئىستىقبالى قەيەردە؟» رەئىس شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان «دەۋرنىڭ سوئالى» − مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللارنىڭ يەنىلا ناھايىتى كۆپلىكىدەك، يەرشارىلىشىشقا قارشى يۈزلىنىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىدەك ۋەزىيەتتە ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم تاللاش ۋە خىرىستىن چوڭقۇر بېشارەت بەردى. مۇشۇنداق پەيتتە، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى بېكىنىۋېلىش كېرەكمۇ، ئىلگىرىلەش كېرەكمۇ ياكى چېكىنىش كېرەكمۇ، دېگەن سوئالغا ئىنسانىيەت چوقۇم جاۋاب بېرىشى كېرەك. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىش، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈش دەۋر ئېقىمىدا پەقەت تارىخنىڭ تەرەققىيات لوگىكىسى بويىچە ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىپ، بىرلىكتە تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، گۈزەل ئاسىيا ۋە دۇنيا بەرپا قىلغاندىلا، ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ بەختلىك ۋە گۈزەل بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر