باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئېچىۋېتىپ يۈرۈشتۈرۈپ، گۈللەنگەن كەلگۈسىنى قۇچاقلايلى

___ خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقىغا ئىجابىي باھا بەردى

2018.04.13 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە دەۋر سوئالىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «قىيىنچىلىقلاردىن قورقماي، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ماھىر بولۇپ، تارىخنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، دۇنيا ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، تىنچ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىپ يۈرۈشتۈرۈش، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش ئېقىمىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس، ئالىملار مۇنداق قارىدى: جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى دۇنيا كەلگۈسىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى، ھەر قايسى دۆلەتلەر قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، گۈزەل ئاسىيا ۋە دۇنيا بەرپا قىلىشى كېرەك.

  «ئېچىۋېتىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل»

  «ئېچىۋېتىش! ئېچىۋېتىش! ئېچىۋېتىش! بۇ كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.» فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى راففارىن ئۇدا ئۈچ قېتىم «ئېچىۋېتىش» دەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆز قارىشىنى يۈكسەك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بىردەك: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تارىخىي قانۇنىيەت ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىگە بولغان ھۆكۈمى بىر چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ كەڭ قورساقلىقى، كەڭ نەزەر دائىرىسى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، دەپ قارىدى.

  ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنتلار يىغىنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ۋىللىي ۋىممېر مۇنداق دېدى: ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىنى كۆزەتسەك ئىككى خىل كۈچ ئۆز ئارا تىركىشىۋاتىدۇ، بىرى ئۇرۇشقا قۇترىتىدىغان كۈچ، بۇ خىل كۈچ ئۆتكەن 100 نەچچە يىلدىن بۇيان ئەزەلدىن يوقالمىدى؛ يەنە بىرى تىنچلىقنى قوغدايدىغان كۈچ، بۇ خىل كۈچ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتىدۇ. غەربتىكى بەزى دۆلەتلەر يەنىلا ئۇرۇش تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، توقۇنۇش ئارقىلىق ھازىرقى خەلقئارا تەرتىپ ۋە قانۇن رامكىسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە بولغان خاتا تونۇش. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان دۇنيادا ھەر قايسى دۆلەتلەر رەئىس شى جىنپىڭ بوئاۋدا دېگەندە ئوخشاش ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تىنچلىقنى قوغدىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر