باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگودا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى، دۇنياغا زور تەسىر كۆرسەتتى

___ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

2018.04.11 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تارىخ ئالاھىدە يىللار بىلەن كىشىلەرگە ئەقىل-پاراسەت، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچ بېغىشلايدۇ.

  جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغىنىغا 40 يىل، خەينەننىڭ ئۆلكىلىك ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرغىنىغا 30 يىل بولدى، 2018-يىلى مانا مۇشۇنداق ئالاھىدە بىر يىل بولۇپ، جۇڭگوغا تارىخنى ئەسلىتىپ، دۇنياغا كەلگۈسىنى كۆرسەتتى.

  گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان باھاردا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 2000دىن ئارتۇق ھەر ساھەدىكى ئەزىز مېھمانلار بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە جەم بولۇپ، ئاسىيا ۋە دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان دەۋرنىڭ سوئالىغا ئورتاق جاۋاب ئىزدەپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىدىغان ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭەشتى. مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخىي مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئەسلەپ، 40 يىلدىن بۇيان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلەر ۋە توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، تىنچلىق، ھەمكارلىق تەرەققىيات ئېقىمىنى ئالغا سىلجىتىدىغان دۇنيا ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، گۈزەل ئاسىيا ۋە دۇنيانى ئورتاق يارىتىش جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى كۈچەيتىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى زور تەدبىرىنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۈچلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر