باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ھەر بىر كىشى يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەشكارى

___ شى جىنپىڭنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (6)

2018.03.27 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى دەۋردىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەر، ئارزۇلىرىمىزنى ئۇلغايتتى؛ يېڭى دەۋردىكى جۇشقۇنلۇق، كۈرەشلىرىمىزگە ئىلھام بەردى.

  «يېڭى دەۋر ھەر بىر ئادەمگە مەنسۇپ، ھەر بىر ئادەم يېڭى دەۋرنىڭ شاھىتى، ياراتقۇچىسى، قۇرغۇچىسى. سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغانلا بولساق، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قەدىمىنى ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ!» 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللىي روھنى چوڭقۇر شەرھلەپ، جۇڭگو خەلقىنى قىزغىن مەدھىيەلەپ، مىليونلىغان خەلقنى جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋرگە ئاتلىنىشقا چاقىردى. دۇمباق ئاۋازى يۈرۈش قىلىشنىڭ سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى؛ دادىللىق بىلەن يەلكەن چىقىرىش ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ يىغىلىش بۇيرۇقى. جاراڭلىق سۆزلەر، يۈكسەك ئىپتىخارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنى بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  كۈرەشكارلارلا ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ، كۈرەشكارلارلا كۈچىيەلەيدۇ، كۈرەشكارلارلا ئۇتۇق قازىنالايدۇ. «قۇرۇق گەپ دۆلەتكە زىيان سالىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ» دېگەن سۆز رەھبىرىي كادىرلارغا راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشنى ئەسكەرتتى، «ئىرادىلىكلەر كۈرەشتە ئۆكۈنمەيدۇ» دېگەن سۆز ياشلارنى تۆھپە يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئۈندىدى، «بەخت كۈرەش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن» دېگەن سۆز ھەر بىر جۇڭگولۇقنى ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئەمگەكچىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنى ماختاپ، قۇرغۇچىلارنى ئالقىشلاپ، كۈرەش قىلىشنى جۇڭگونىڭ زەپەر مارشى يارىتىپ ئالغا ئىلگىرىلەش باش مېلودىيەسىگە ئايلاندۇردى. بەش يىلدىن بۇيان بىز تاغ-داۋانلاردىن يول ئېچىپ، ئېقىن-دەريالارغا كۆۋرۈك سېلىپ، جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىدە «يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەش» قايناق مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تارىخىي نەتىجە ۋە ئۆزگىرىشلەر بىلەن «دەۋرگە يېتىشىش»تىن «دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىش»قا ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر