باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىپ، يېڭى دەۋر ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرايلى

___ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13– نۆۋەتلىك كومىتېتى 1– يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2018.03.16 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دېموكراتىيە ئەقىل-پاراسەتنى ئۇرغۇتىدۇ، ئىتتىپاقلىق كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق تاماملاپ، 15-مارت بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. بىز يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  بۇ قېتىمقى يىغىن دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل بولغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن يىغىن بولدى. يىغىن مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ھەر ساھە ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەم ھەر ساھە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەزالارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئەزالار دانا پىكىر بايان قىلىپ، ئەمەلىي چارە كۆرسىتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىن ئىبارەت بۇ خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم رېئاللىشىش شەكلىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبىرىي ئەزالىرى سايلاپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈپ، يېڭى بىلەن كونىنىڭ ئالمىشىشى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىدىكى بەزى پېشقەدەم يولداشلار سەپتىن چېكىندى، ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنى نامايان قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى، بىز ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

  سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەر قايسى پارتىيە-گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت مىزانى. بۇ قېتىمقى يىغىندا سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ قىسمەن مەزمۇنلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، ئۇنىڭغا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، زور ھۆكۈم، زور تەدبىرلەر، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە ئالاقىدار مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ھەم خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كىرگۈزۈلدى. سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشى، رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر