باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى يېڭى نەتىجە، يېڭى تەجرىبە، يېڭى تەلەپلەر تولۇق نامايان قىلىندى

___ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى توغرىسىدا(1)

2018.03.13 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەندىلا، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىيات ئاساسى پۇختىلىنىدۇ. بۇ ئاساسىي قانۇن تەرەققىياتىنىڭ تۈپ قانۇنىيىتى، شۇنداقلا ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىدە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن زور نەزەرىيەۋى قاراش ۋە زور فاڭجېن-سىياسەتلەر دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئېرىشكەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىسىگە كۆتۈرۈلدى. بۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان يۇقىرى قاتلام لايىھەسى ۋە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى يېڭى نەتىجە، يېڭى تەجرىبە، يېڭى تەلەپلەر نامايان قىلىندى، ئۇ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى چوقۇم كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  قانۇن ئۈستقۇرۇلمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن چوقۇم ئىقتىسادىي بازىسنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. ئېلىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىمۇ مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىدۇ. 1982-يىلى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ، بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكىچە، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە تەرەققىياتىغا ئاساسەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇنغا ئىلگىرى-كېيىن تۆت قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزدى. بۇ تۈزىتىشلەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى ۋە كۈچەيتتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاساسىي قانۇن يېڭى ۋەزىيەتكە ئۈزلۈكسىز ماسلىشىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يېڭى قائىدىلەرنى چىقارغاندىلا، ئۈزۈلمەس ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولالايدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، توختىماي دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مۇكەممەللىشىپ، تەرەققىي قىلىش -- ئېلىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ تەرەققىياتىدىكى روشەن ئالاھىدىلىك، شۇنداقلا تۈپ قانۇنىيەت.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يېتەكچى ئورنى بېكىتىلىپ، بىر قاتار زور سىياسىي ھۆكۈملەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلار چىقىرىلدى. بۇ قېتىملىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى دۆلەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىگە ئۆزگەرتىلدى، بۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە بولغان يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر