باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مىللەتنىڭ گۈللىنىشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلايلى

2018.03.12 17:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېسىل ياراق تازا تاۋلانغاندىن كېيىن پۈتۈپ چىقىدۇ. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. بۇ دەۋرنىڭ تەقەززاسى، ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى، پارتىيە ۋە خەلق رايىنىڭ ئارزۇسى بولۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور تەدبىر، ئاساسىي قانۇننىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەت ئىگە.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە ئالدى بىلەن ھاكىمىيەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى يولغا قويغاندىن تارتىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى قىسمەن مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»گە پارتىيە ئىچى-سىرتىدا بەلگىلىك دائىرىدە تەكلىپ ئالغۇچە؛ ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى قىسمەن مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغاندىن تارتىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى(لايىھە)» تەكلىپىنى تۈزۈپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە ماقۇللىشىغا سۇنۇشقىچە، بۇ قېتىملىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىش، قانۇننى قانۇن بويىچە چىقىرىش روھى ۋە پىرىنسىپى باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلدى، بۇ پارتىيەمىزنىڭ قانۇن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش، قانۇن ئىجراسىغا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قوللاش، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ جانلىق ئىپادىسى.

  «قانۇن دەۋرگە قاراپ ئۆزگەرسە ئىدارە قىلالايدۇ، ئىدارە قىلىش دۇنياغا ماسلاشسا ئۈنۈمى بولىدۇ» ئاساسىي قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ باش نىزامنامىسى، پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پائالىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن ۋە رولغا ئىگە. ئاساسىي قانۇننىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقى، نوپۇزىنى ساقلاش ئاساسىدا، ئاساسىي قانۇننىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مۇكەممەللىشىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېلىمىزنىڭ قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتىدىكى ئاساسىي قانۇنىيەت. 1954-يىلى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇنى بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى ئىزچىل ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىش باسقۇچىدا تۇردى. 1982-يىلى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان بەش قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتىدە دەۋرنىڭ قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تۈپ قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە ۋە خەلق ياراتقان ئۇلۇغ نەتىجە ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىسىگە كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى، دۆلەتنىڭ ئىرادىسى، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىسىدۇر.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر