باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىش ئۇلۇغۋار كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى

___ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2018.03.05 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىللىق باھار كېلىپ، بارچە مەۋجۇدات ئويغاندى. پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى بۈگۈن داغدۇغىلىق ئېچىلدى. كېيىنكى ئون نەچچە كۈندە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000غا يېقىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ۋەكىلى دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات بۈيۈك پىلانىنى تۈزىدۇ. يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دۆلىتىمىزنىڭ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ۋە رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى سايلايدۇ ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلىدۇ، تەسىرى چوڭقۇر زور ئىشلارنى قارار قىلىدۇ. بۇ يىغىننى ياخشى ئېچىش پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىنى دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە مۇجەسسەملەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۆتكەن بەش يىلدا، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 18-ۋە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇن بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزدى. مەيلى 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، لياۋنىڭدىكى سايلامدا ئاۋاز توپلاپ، پارا بېرىپ سايلىنىش دېلوسىدىكى ئالاھىدە مەسىلىلەرنى تۈزۈم ئورنىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش بولسۇن، ياكى قانۇن بويىچە شياڭگاڭنىڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 104-ماددىسىنى چۈشەندۈرۈش، دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش بولسۇن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ ئىش، مۇھىم ئىشلاردا مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ ياخشى ئىشلىگەچكە، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ خىزمەتلىرى ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك بولدى. ئۇلار بەش يىلدىن بۇيان، ۋەزىپىسىنى، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ھەقىقىي باغلاش، ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ياخشى قىلىدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان بولۇشقا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈپ سىياسىي تۈزۈم.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر