باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنى ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

يېڭى دەۋردىكى شەرەپلىك بۇرچنى ئادا قىلايلى

«خەلق گېزىتى» باش ماقالىسى

2018.03.04 14:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنى بۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. يېڭى دەۋرنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2100 نەچچە ئەزاسى 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ ئارزۇسىنى زىممىسىگە ئېلىپ پايتەختكە جەم بولۇپ، بىرلىكتە ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى ئەقىل- تەدبىر كۆرسىتىدۇ. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  بەش يىل بىر دەۋر، بەش يىل بىر پەللە، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇش رىتىمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۆتكەن بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن ئۆزگىچە بەش يىل بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەپ، كونىنى تاشلاپ، يېڭىنى باشلىغاچقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. ئىسلاھات يولىدا ئىزدىنىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى داۋامىدا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىلەن جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ تومۇرى باشتىن- ئاخىر تەڭ سوقۇپ كەلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلگەن تارىخىي نەتىجىلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئۆزگىچە مۇھىم رولى گەۋدىلەنگەن، ئۆزگىچە مۇھىم تۆھپىسى مۇجەسسەملەنگەن.

  بەش يىلدىن بۇيان، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسىي تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، كېڭىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇق- ئالاقە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق- دېموكراتىك، ئەمەلىيەتچىل- ئىنتىلىشچان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ ئاچتى. بەش يىللىق ئىلگىرىلەش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئورنىدا، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن كەڭ، ئۈنۈملۈك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى. يېڭى دەۋردە قول تۇتۇشۇپ، يېڭى ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بىزنىڭ دۇچ كېلىدىغىنىمىز تۈرلۈك زىددىيەتلەرگە تولغان ئىچكى- تاشقى يېڭى ۋەزىيەت بولغاچقا، يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇرغۇن ئۇلۇغ كۈرەش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، بولۇپمۇ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاكتىپ كۈچ توپلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

  بىر نىيەت- بىرمەقسەتتە بولغاندىلا، ئاندىن كۈچنى مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ. ئىتتىپاقلىق − كۈچ مەنبەسى. يېڭى يىلغا نەزەر سالساق، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن بىرلىككە كېلىش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىش ۋە كۈچ چىقىرىش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. ئىدىيە جەھەتتە يېڭى ئورتاق تونۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرىكەتتە ئىتتىپاقلىشىدىغان دائىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، تىرىشىپ پاسسىپ ئامىللارنى ئاكتىپ ئامىلغا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە- گۇرۇھلار ۋە تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ۋە بۈيۈك بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 19- قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن توسالغۇلارنى ئازايتىپ، ياردەمچى كۈچنى ئاشۇرۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشتە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر.

  كېڭەشكەندىلا، ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كەلگىلى، كېڭەشكەندىلا، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. دېموكراتىيە بولغاندىلا، ھاياتىي كۈچ بولىدۇ. مەنپەئەت كۆپ مەنبەلىك، ئىدىيە كۆپ خىل بولغان رېئاللىققا دۇچ كەلگەندە، بىردەكلىكتە چىڭ تۇرۇشتا كۆپ خىللىققا ھۆرمەت قىلىپ، كۆپ خىللىقنى سىغدۇرۇشتا بىردەكلىك ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچى تېپىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەر سىزىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. «ئىككى 100 يىل»لىق نىشان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدىغان ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، تەرەققىياتتىكى تەكشىسىزلىك ۋە يېتەرسىزلىك مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى خىزمەتتىكى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى توپلاش، ئەقىلنى مۇجەسسەملەش، ئالاقىنى كېڭەيتىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنى، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش، باراۋەر پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئالاقىنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىپ، سەمىمىي كېڭىشىپ، ئەمەلىي نازارەت قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى چوڭقۇر كېڭەشكەندە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى چوقۇم سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشالايدۇ.

  «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە». كەلگۈسىدە نەتىجە قازىنىشتا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەرنىڭ قايناق ھېسسىياتى ۋە جاسارىتىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. يېڭى پەللىنى مەۋقە قىلىپ، يېڭى مۇساپىگە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ نەتىجە يارىتىدىغان روھىي ھالەت ۋە قەدەمنى پۇختا باسىدىغان خىزمەت ئىستىلىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، ياخشى چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، سەمىمىي تەكلىپ بېرىپ، تەرەققىيات كۈچى توپلاپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق، كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ۋە خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- مارت تېلېگراممىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر