باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ پىرىنسىپىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك

___ ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

2018.03.02 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۆنىلىش ۋە پىرىنسىپ ئىنتايىن مۇھىم. قانداق ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، قانداق ئىسلاھات پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش ئىسلاھاتنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاخىرقى نەتىجىسىنى بەلگىلەيدۇ.

  ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە نىشانى بېكىتىلىپ، ئىسلاھاتتا چوقۇم پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلقنى مەركەز قىلىشتا، ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشتە، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش تەكىتلەندى. ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۆت پىرىنسىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى كۈچەيتىش كېرەك.پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، پارتىيە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ــــ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يېتىلگەن، تېخىمۇ مۇقىم بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم شەكىللەندۈرۈشتە چوقۇم بۇ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش، بۇ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى ئىسلاھاتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى ۋە جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن تولۇق قاپلاشقا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى بەلگىلەش، ئومۇمىيەتنى كۆزلەش، سىياسەت تۈزۈش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى ۋە تۇرغۇنلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر