باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك

__بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلدى

2018.03.01 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلدى. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: ئاپپارات قۇرۇلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، فۇنكسىيە سەپلىمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، فۇنكسىيەنى، ئۇسۇلنى، ئىستىلنى ياخشىلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۈنۈم ۋە ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش __ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى سەپىرىگە ئاتلىنىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگۈرۈش.

  بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار مۇنداق دېيىشتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بەزى مۇھىم ساھەلىرى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىدا زور ئىگىرىلەش بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگۈرۈشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىپىلەرنىڭ يېڭى تەلىپىگە قارىتا، ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىش ۋە فۇنكسىيە تەقسىماتى «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماسلاشتۇرۇش تەلىپىگە، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەلىپىگە تېخى تولۇق ماسلاشقىنى يوق.

  دۆلەت ئاخبارات نەشرىيات-رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چۈ جياماۋ مۇنداق دېدى: ئىككى «تېخى تولۇق ماسلاشماسلىق» مەركەزنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ۋە قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئومۇمىيەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئومۇميەتنى باشقۇرۇپ، باش ئاغرىسا باشنى، پۇت ئاغرىسا پۇتنى داۋالاشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىشتىكى ئابىدىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر