باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيلى

__ بارلىق كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى قىسمەن مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قەتئىي ھىمايە قىلغانلىقى توغرىسىدا

2018.02.27 18:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى قەسمەن مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» 25-فېۋرال ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بارلىق كادىرلار ۋە ئامما جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى قىسمەن مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: ئېلىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى، نوپۇزىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ساقلاش ئاساسىدا، ئاساسىي قانۇننىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، مۇكەممەل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، ئاساسىي قانۇننىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى

  پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلسا، ئاساسىي قانۇن ئۈزلۈكسىز دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدۇ.

  زېرەك كىشىلەر ۋاقىتقا قاراپ ئۆزگىرىدۇ، دانالار ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرىدۇ. جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ بوجۈن مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، بۇ ئىدىيەنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈش تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى.

  گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى ساۋ جيەنمىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئىنتايىن ۋاقتىدا ھەم زۆرۈر بولدى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق قوللانمىسىغا، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ۋە تەرەپلەرنىڭ خىزمەت مىزانىغا ئايلاندى.

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى دۆلەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىش __پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى مۇۋەپپەققىيەتلىك تەجرىبىسى، شۇنداقلا ئېلىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، مۇكەممەل تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئىچكى تەلىپى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر