باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋر ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى ئىلھامى بىلەن

2018.02.22 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى 21-فېۋرال «يېڭى دەۋر ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى__يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى ئىلھامى بىلەن» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدى.

  ماقالىدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيانقى نەتىجىلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تارىخىي مۇساپىسى سىستېمىلىق ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى سىياسىي جاسارىتى، خەلققە بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتى، چوڭقۇر تارىخىي نەزىرى، كەڭ خەلقئارالىق نەزەر دائىرىسى، ئىلمىي دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇرى، كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش روھى نامايان قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئاساسى، ئىلمىي مەزمۇنى ۋە چوڭ-چوڭ نەزەرىيەسى بىلەن رېئال ئەھمىيىتى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدە تۇرۇپ پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈندى: «يېڭى دەۋر يېڭى تەپەككۇرنى قوزغايدۇ__ئىسلاھات بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، دەۋر تېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم ئىدىيەسى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى»، «يېڭى ئۇسۇل ئارقىلىق يېڭى تېمىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش__مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنى كۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىشى ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىل-پاراسىتى ۋە جاسارىتىنى نامايان قىلدى»، «يېڭى دولقۇن يېڭى ھالقىش ئېلىپ كەلدى__مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، مۇھىم نۇقتا ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك يېتەكلەش بىلەن ئىسلاھات مۇھىم ساھە ۋە مۇھىم ھالقىلاردا تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلدى، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى» ۋە «يېڭى پەللىدە تۇرۇپ يېڭى مۇساپىنى باشلاش__ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىغا ئاتلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈپ، قايتىدىن رۇسلىنىپ جەڭگە ئاتلىنايلى».

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر