باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار» نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى

2018.02.05 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باھار كېلىشى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ، يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇدا تارقاتقان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى 15-پارچە 1-نومۇرلۇق يېتەكچى ھۆججەت. بۇ يىللىق 1-نومۇرلۇق ھۆججەتتە، يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار» تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي يۆنىلىشى مەۋقە قىلىنىپ، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسى تۈزۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇش زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش جۇڭخۇا مىلىلىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىندى، بۇ يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى يۈكسەلدۈرۈش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتى سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگۈرۈشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

  «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار» مەسىلىسى دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە. ئېلىمىزدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئارىسىدىكى زىددىيەتكە ئايلاندى، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش بىزدىن «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار» خىزمىتىگە، يېزا، كەنتلەرگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرمىغاندا، دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. يېزىلارنى گۈللەندۈرمىگەندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگيەسىنى يولغا قويۇش خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر