باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئەمەلدارلار سورۇنىدىكى «ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش قىلىش» كېسىلىنى داۋالاش كېرەك

2018.02.02 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئەمەلدارلار سورۇنىدىكى ئىشلاردىن خاتىرە» دېگەن كىتابتا قىسمەن ئەمەلدارلارنىڭ «ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش قىلىش ھۈنىرىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقى» خاتىرىلەنگەن. فېئوداللىق دەۋردە كىشىلەر ئېسىل كىيىنىپ، ياخشى يەپ-ئىچىش ئۈچۈن ئەمەلدار بولاتتى، ئەمەلدارلارنىڭ پايدا كەلمىسە ئىش بېجىرمەسلىكى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس ئىدى. كوممۇنىستلار ئىش قىلىش ئۈچۈن ئەمەلدار بولىدۇ، ئۇلارنى فېئودال ئەمەلدارلار بىلەن بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ. يولداش چېن يۈننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا: پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ «خىزمەت جەريانىدا پارتىيە خىزمىتىگە روھسىز، چۈشكۈن ۋە ياللانمىلىق پوزىتسىيەدە بولۇشىغا مۇتلەق يول قويۇلمايدۇ».

  بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئىستىلنى توغرىلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا قاتتىق قول بولۇپ، پارتىيە قاتتىق ئىدارە قىلىنىپ، ئەمەلدارلار قاتتىق باشقۇرۇلغاچقا، ئەمەلدارلار سورۇنى كۈنسېرى پاكىزلىنىپ، ئەمەلدارلار بارغانسېرى پاكلاشتى. لېكىن ھۇرۇنلۇق، چاكىنىلىق، بوشاڭلىق قىلمىشلىرىمۇ دائىم كۆرۈلۈپ تۇردى. قىسمەن ئەمەلدارلار ئىشقا مەسئۇل بولۇشتىن قورقۇپ، قىلغاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئاغزىدىلا سۆزلەپ ئەمەلدە قىلماي، كۆپ سۆزلەپ ئاز قىلىپ، «ئەمەلدارلار سورۇنىدىكى ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش قىلىش كېسىلى»گە ئېغىر گىرىپتار بولدى. بۇنىڭ كىلىنىكىدىكى ئاساسلىق ئىپادىسى تۆۋەندىكىچە: يۇقىرىغا قارىتا «ئىپادىسى ياخشى، ھەرىكىتى ئاز بولۇش» ___ئۆگىنىش روھىنى يەتكۈزۈشتە ئىنكاسى تېز بولۇش، يىغىن ئېچىپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا چوڭ ھەرىكەتكە كېلىش، بەنزە قۇرۇپ، مېخانىزم ئورنىتىشنى « ئىنتايىن چىڭ تۇتۇش»، لېكىن «گۈلدۈرى بار يامغۇرى يوق» بولۇش؛ تۆۋەنگە قارىتا «پوزىتسىيەسى ياخشى، ئىش بېجىرىش قىيىن بولۇش» ___ قارىماققا ئىنتايىن قىزغىن كۈتۈۋالغان بىلەن ھەقىقىي ئىشقا كەلگەندە سوۋۇپ قېلىش، رەت قىلالمىسا ئارقىغا سوزۇش، ئارقىغا سوزۇپ بولالمىسا يوققا چىقىرىش؛ سۆزلىگەندە «كۆچۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قوللىنىشقا ئېتىبار بەرمەسلىك» ___ گېزىت، تورلاردىن كۆچۈرۈپ سۆزلەپ، تەشۋىق قىلىپلا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، پەقەت كۆزلەش نۇقتىسىلا بار كۈچەش نۇقتىسى بولماسلىق، پۈتۈنلەي «سۆزلەش ئۈچۈنلا سۆزلەش»: ئىش قىلغاندا «گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق» بولۇش __ زىددىيەت، مەسىلە تىلغا ئېلىنغاندا ھاياجانلىنىپ سۆزلەش، ئەمما ھەل قىلىشقا كەلگەندە يۇقىرىدىن ئالدىراتمىسا مىتمۇ قىلماسلىق، ھەتتا ئالدىراتسىمۇ ئىشقا كىرىشمەسلىك، نۇرغۇن خىراجەتلەر ھېساباتتا «ئۇخلاپ قېلىش».

  خىيانەتچى ئەمەلدار _ يامان ئەمەلدار، قەتئىي يوقىتىش كېرەك؛ چاكىنا ئەمەلدارمۇ ياخشى ئەمەلدار ئەمەس، ئوخشاشلا مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇشقا بولمايدۇ. كادىرلارغا باھا بېرىشتە پوزىتسىيەسىگە قاراش كېرەك، لېكىن پوزىتسىيەسىنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا سۆز-ھەرىكىتىگە تەڭ قاراش كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا ئەمەلىي ھەرىكىتى يوق ياخشى پوزىتسىيەنىڭ نېمە كېرىكى؟ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جەرياننى تۇتۇش كېرەك، لېكىن جەريانغا دىققەت قىلىشتىكى مەقسەت ئاخىرقى نەتىجىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇنداق بولمىغاندا ھوسۇلى يوق ھەلەكچىلىكنىڭ نېمە كېرىكى؟ ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتە چوقۇم پەزىلىتىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، لېكىن سىياسىيلىقى كۈچلۈك بولۇپلا قالماي، يەنە قابىلىيىتى بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا ئىش قىلالمايدىغان «ياغاچ قونچاق»نىڭ نېمە كېرىكى؟ ئەمەلدار بولغۇچى بىلىم ئۆگەنمىسە، ئالغا ئىنتىلمىسە، لېكىن ئەمىلىدە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ، يۇقىرىغا راۋان ئۆسەلىسە، بۇ پەقەت «ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش قىلىش» كېسىلىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ خالاس.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر