باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىنسانىيەتنى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشكە يېتەكلەيدىغان كۈچ

__ باش شۇجى شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيەدە سۆزلىگەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى توغرىسىدىكى نۇتۇقنىڭ بىر يىللىقىغا خاتىرە

2018.01.26 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىر يىل ئىلگىرى دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ۋە ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابىدا ئىككى قېتىم تارىخىي خاراكتېرلىك نۇتۇق سۆزلەپ، دۇنياغا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك كەلگۈسى مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەپ بېرىپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئامېرىكا «دىپلوماتىيە سىياسىتى» ژۇرنىلىدا بۇ «دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە پەيت» دېيىلدى.

  بىر يىلدىن كېيىن، داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى «پارچىلىنىۋاتقان دۇنيادا ئورتاق تەقدىر بەرپا قىلىش»نى باش تېما قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئۇقۇمىغا تەڭكەش بولدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئۇقۇمى دۇنيادا قانداق ئىدىيىۋى دولقۇن قوزغىدى؟ دۇنيادا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى؟ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو قانداق كەڭ قورساقلىقى ۋە پاراسىتى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىش، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشقا ئاتلاندى؟

  ئىدىيەنىڭ ئۆتكۈر كۈچى: تېڭىرقاپ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان دۇنياغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى

  بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى شۋاب رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتۇقىنى ئەسلىگەن چېغىدا، ئىلگىرىكىدەكلا ھاياجانلىنىپ: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شۇ چاغدىكى سۆزى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ بۇلتۇرقى نۇتقىدا تىلغا ئېلىنغان «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇش» تەشەببۇسىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىپ، بۇ يىللىق مۇنبەرگە بۇ باش تېمىنى بېكىتتۇق، دېدى.

  2017-يىلىنىڭ بېشىدا دۇنيا ئېچىۋېتىش بىلەن بېكىنىۋېلىش، ھەمكارلىشىش بىلەن قارشىلىشىش، ئالغا ئىلگىرىلەش بىلەن ئارقىغا چېكىنىش قاتارلىق ھەر خىل كۈچلەر تىركىشىۋاتقان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى ئاجىزلاشقان، يەر شارىلىشىش قارشىلىققا ئۇچراۋاتقان، ئېنىقسىز ئامىللار تۇمان كەبى پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان ھالقىلىق پەيتتە تۇرۇۋاتاتتى. ئىنسانلار جەمئىيىتى قايسى يولنى تاللىشى كېرەك؟ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالپىس سەپىرىگە تەقەززا ئىدى.

  داۋوس يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئازغان يولدىن قايتىشى ئۈچۈن «تومۇر تۇتۇپ، رېتسېپ يېزىپ»، تۆت كوچىدا تېڭىرقاپ قالغان يەر شارىلىشىش مۇساپىسىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. 1700 كىشىلىك يىغىن زالى ئادەم بىلەن لىق تولدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندا ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭرىتىپ، جۇڭگو رەھبىرىنىڭ چوڭقۇر مۇلاھىزىسىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە ماقۇللىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر