باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش چوقۇم قانۇنغا ئاساسەن تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى شەرت

ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (5)

2018.01.25 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەرتىپكە رىئايە قىلىش قانۇنچىللىقنىڭ باشلىنىشى. ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم سىياسىي پائالىيەت ۋە مۇھىم قانۇن چىقىرىش پائالىيىتىدە، يەنى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرۈش شەرت. بۇ ھەم ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن چىقىرىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلغانلىق، ئىلگىرىكى قانۇن چىقىرىش تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلغانلىق، شۇنداقلا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئاساسىي قانۇندا تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.

  پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ جېنى. پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى تۈزۈدۇ، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى يولغا قويىدۇ، پارتىيە جەزمەن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن دائىرىسى ئىچىدە پائالىيەت قىلىدۇ، بۇ ئاساسىي قانۇن روھىغا قاتتىق ئەمەل قىلغانلىق بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەر قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن روھىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۈنۈملۈك بولغان خىزمەت تەرتىپى ۋە مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلدى. 1982-يىلى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتى، تەرەققىياتىغا ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم تۆت قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. ئاساسىي قانۇنغا ھەر قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە قانۇنغا ئاساسەن تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى ئۈزلۈكسىز ھالدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى، مۇكەممەللەشتى، تەرەققىي قىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى ۋە كاپالەتلىك قىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى ۋە كۈچەيتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر