باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋر سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى

__ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ قىزغىن ئىنكاس قوزغىغانلىقى توغرىسىدا

2018.01.24 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېتنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنى 22-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى سىياسىي-قانۇن سېپىدىكىلەر ۋە جايلاردىكى كادىرلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دېيىشتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يېڭى دەۋر سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، ئىدىيەنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋر سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ پۇختا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، سىياسىي-قانۇن سېپىدىكىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر قولدا ھازىرقى ئىشلارنى، يەنە بىر قولدا ئۇزاققا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا سىياسىي-قانۇن سېپىدىكىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سىياسىي-قانۇن سېپىدىكىلەرنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى ۋە خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتتىكى ئالدىن كۆرەرلىكى ۋە تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدا، يىغىن قاتناشچىلىرى بەس-بەستە پىكىر بايان قىلدى، كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر