باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلايلى

جايلاردىكى كادىرلار، ئامما ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

2018.01.22 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتى ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان زور تەدبىرى، شۇنداقلا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور تەدبىر.»

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا مىزانغا، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشتا ئۆلچەمگە تايىنىش كېرەك. 19-يانۋار ئېلان قىلىنغان ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى ۋە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  كادىرلار، ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاخباراتتا ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىنىپ، دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپتۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدىن تەۋرەنمەي، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

  «پارتىيەمىز ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم ئورنى ۋە رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ»

  ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ باش نىزامنامىسى، پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى.

  يۈننەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى گو تىڭتىڭ بىر قانچە كۈندىن بۇيان ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىندا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىپ، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى قىسمەن مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغانلىقىدىن «مەملىكەت بويىچە دېلو بېجىرىش ئۈلگىلىرى» شەرىپىگە ئېرىشكەن سودىيە گو تىڭتىڭ ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ ھەم دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. خەلق سوتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قاراپ چىققان ھەر بىر دېلوغا پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئاتاپ، ھەر بىر دەۋالاشقۇچىغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ھەر بىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا ئاممىغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر