باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشىشقا ھازىرلىنايلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «5-يانۋار» مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4)

2018.01.09 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  «يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇرغۇن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، بارلىق جاپا- مۇشەققەت ۋە خەۋپ- خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ھازىرلىنىپ، پارتىيەمىز بېكىتكەن ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ باتۇرانە ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 5-يانۋار پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەزمەن تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ھازىرلىنىشقا قايتا ئاگاھلاندۇردى، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ۋاقىت بىلەن ھېسابلىشىدىغان روھ بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىشقا چاقىرىق قىلدى. جاراڭلىق سۆز، سەمىمىي تاپشۇرۇق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ سىياسىي ئاڭلىقلىقى ۋە بۇرچ ئاڭلىقلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچىنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا مۇجەسسەملەشكە كۈچلۈك ئىدىيەۋى سەپەرۋەرلىك ۋە روھىي مەدەت بولدى.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ ھە-ھۇ بىلەنلا، ئاسانلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەس». پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مۇرەككەپ جەريان شۇنى كۆرسەتتىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشى ھەرگىزمۇ ھە-ھۇ بىلەنلا، ئاسانلا ئەمەلگە ئاشقان ئەمەس. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان تاشقى مۇھىت ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئىچكى ۋەزىيەتتە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا مىسلىسىز نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى ۋە مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەر بولدى، بەزىلىرى كىشىلەرنى غەپلەتتىن ئويغاتتى، بەزىلىرى تەلتۆكۈس بولدى، يەنە بەزىلىرى قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى، ئۇلار تەستە قولغا كەلگەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى زور سىياسىي جاسارەت ۋە سىياسىي شىجائەت كەتتى، شۇنداقلا كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاشنى ۋە قەيسەر ئىرادە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. ئىلگىرىلەش يولى تۈپتۈز بولمايدۇ؛ تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشىشقا تولۇق ھازىرلىنىپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتىنى ساقلىغاندىلا، «قارلىق تاغ»دىن ئۈزلۈكسىز ھالقىپ، «لازىكۇ»نى بويسۇندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى داۋاملاشتۇرالايمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر