باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىزچىل بولايلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «5-يانۋار» مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا(3)

2018.01.08 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ-خەتەرنى ئويلاش پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي گۈللىنىش داۋامىدا يەكۈنلىگەن مۇھىم تەجرىبىسى، شۇنداقلا پارتىيە، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا چوقۇم باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدىغان مۇھىم پىرىنسىپى.

  «دۆلىتىمىز ھازىر ئىستىقباللىق تارىخىي پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، لېكىن ئىلگىرىلەش يولى ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەنسېرى، شۇنچە ئېھتىياتچان بولۇش، خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ- خەتەرنى ئويلايدىغان كۈلپەت ئېڭى بولۇش كېرەك، ئىستراتېگىيەلىك، ئەجەللىك خاتالىقلارنى ھەرگىز سادىر قىلىشقا بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئۇلۇغ ئىشىنى مەۋقە قىلىپ، 100 يىللىق تارىخقا ئىگە پارتىيەنىڭ بۇرچ-مەسئۇلىيىتىنى كۆزلەپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىزچىل بولۇشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسىلىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، بىز دۇچ كەلگەن تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنى كونكرېت، چوڭقۇر تەھلىل قىلدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى چوڭقۇر كۈلپەت ئېڭى، ئۇلۇغۋار ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىسىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارغا خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ-خەتەرنى ئويلاش توغرىسىدا مۇھىم تەلىم بەردى.

  «كۈتۈلمىگەن ئىشلاردىن ئالدىنئالا ساقلىنىش ــــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى قائىدە». پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن-ئاخىر پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى تۆۋەن چەك تەپەككۇرى تۇرغۇزۇشنى ئەسكەرتىپ، كۆپ قېتىم «ياغاچ چېلەك پىرىنسىپى» بىلەن پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى كەمچىلىكنى تولۇقلاشقا ماھىر بولۇش بىلەن بىللە، ئاساسنى مۇستەھكەملەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە ئاگاھلاندۇردى. باش شۇجىنىڭ بۇ ئەسكەرتمە ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ تۈپ مەزمۇنى شۇكى، بىز تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز، بولۇپمۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىنى كېچىكتۈرىدىغان ياكى ئۈزۈپ قويۇش ئېھتىماللىقى بولغان ئومۇمىي خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسى كۆپ قېتىم ئۈزۈلۈپ، بىزگە چوڭقۇر تارىخىي ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. كونىلاردا «جاھاندىكى بالايىئاپەتلەر قىيىنچىلىق ۋە ئەگرى-توقايلىقلارغا دۇچ كەلگەندە يۈز بەرمەستىن، بەلكى ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولغاندا يۈز بېرىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. بىز ھازىر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تارىخىي نەتىجە، مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئۆزگىرىشلىرى ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدۇق، لېكىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ داقا-دۇمباق چېلىش بىلەنلا ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. ئىلگىرىلەش يولىدا يەنە ئۇنداق-مۇنداق خەۋپ-خەتەرلەرگە ئۇچرايمىز، ياخشى، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىساق، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە زور زەربە بولىدۇ ۋە كاشىلار پەيدا قىلىدۇ. «ئىستراتېگىيەلىك، ئەجەللىك خاتالىقلارنى ھەرگىز سادىر قىلىشقا بولمايدۇ»، بىزدە چوقۇم مۇشۇنداق تۆۋەن چەك تەپەككۇرى بولۇشى كېرەك، كۈلپەت ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تۇنجى قەدەمنى ياخشى بېسىپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تۈرلۈك زور خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇلارنى تۈگىتىشنىڭ تەييارلىقلىرىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر