باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

«ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىشى» دەرسلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچانلىققا ئىگە بولغانلىقىدا

خې يۇڭخەي

2018.01.05 15:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ نەزەرىدە قاتناشمىسا بولمايدىغان، ئۆگەنمىسە تېخىمۇ بولمايدىغان «يوقلىما دەرسى» دەپ قارىلىدۇ. ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئورنىدا ئۆزگىرىش پەيدا بولدى، شۇنداقلا ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئىلگىرىكى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدى.

  خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شاڭخەيدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسىدە ئورۇن تېپىش تەس بولۇش، دەرس تاللاش «سېكۇنت ئىچىدە» ئاياغلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، مەيلى مەزمۇن جەھەتتىكى يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەدە بولسۇن، ياكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىكى يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە بولسۇن، شۇنداقلا باھالاش شەكلىدىكى ئۆزگىرىش بولسۇن، ھەممىسى ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسىنىڭ «باش كۆتۈرۈش نىسبىتى»نى يۇقىرى كۆتۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە تاللىما دەرسلىكلىرى ئېچىلىشى بىلەنلا كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. مەسىلەن: فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش» دەرسلىكى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «جۇڭگونى چۈشىنىش» دەرسلىكى، تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «جۇڭگوچە يول» دەرسلىكى، شاڭخەي سىياسىي ـ قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «چوڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى» دەرسلىكى... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «توردا مودا بولغان دەرس»لەرگە ئايلاندى. بۇ، شۈبھىسىزكى تولىمۇ خۇشاللىنارلىق بىر ئىش، بىز بۇنداق ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسلىرىنىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىمۇ ئەۋج ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ياخشى بولغان ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسى مەزمۇن جەھەتتە يېڭىچە بولۇشى كېرەك. ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسىنىڭ مەزمۇنى ۋاقىتقا قاراپ ئىلگىرىلىشى، ۋەزىيەتكە قاراپ يېڭىلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. مەسىلەن: ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەننى سۆيۈش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتا، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدەك ھازىرقى ئەڭ قىزىق بولغان تېمىلارنى، تېخىمۇ كۆپلىگەن «جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتى» ۋە «جۇڭگو لايىھەسى»نىڭ دۇنيا ئىقتىسادى، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەرگە كۆرسەتكەن تۆھپىسىنى دەرسخانىغا ئېلىپ كىرگەندە، ئاددىي قىلىپ ئېيتقان ۋەز ـ نەسىھەتلەرگە قارىغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسىنىڭ «ئۈستۈنلۈكى» بىلەن «ئاساسىي مېلودىيەسى» ئوقۇغۇچىلارغا بىر مۇنچە يەكۈنلەرنى يەتكۈزۈش بولماستىن، بەلكى ئۇلارنى ئەڭ يېڭى پاكىت ۋە نەزەرىيەۋى تەھلىل بىلەن تەمىنلەپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى ۋە ئىدىيەسىنى ئېچىشتىن ئىبارەت.

  ياخشى بولغان ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسى شەكىل جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك. ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلار ئۆگىتىپ، ئوقۇغۇچىلار ئاڭلايدىغان شەكىلدە داۋاملىشىپ كەلگەن، بۇنىڭ دەرسخانا ئىنتىزامىنى ساقلاشتا ھەقىقەتەن پايدىسى بولاتتى، ئەمما بۇنداق بولغاندا، دەرس ئوقۇتقۇچىسى سۆزلەۋېرىپ چارچاپ ھالىدىن كېتەتتى، ئوقۇغۇچىلارمۇ مۈگدەپ، دەرسنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايتتى. ھازىرقى ياش ئۆگەنگۈچىلەر ئاددىي شەكىلدىكى بىلىم تارقىتىش شەكلىگە قارىغاندا، دەل ۋاقتىدا ئۆز ئارا پىكىرلىشىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسىدە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، ئۆزئارا پىكىرلىشىدىغان يېڭى ئۇسۇللار قوللىنىشى كېرەك. ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتقاندىلا، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى ئۆزىگە «خۇمار» قىلغىلى بولىدۇ.

  ياخشى بولغان ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسى قاتمال ھالەتتە بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسى ئاساسىي ئېقىم ئىدېئولوگىيە تەربىيەسىنىڭ ئاساسىي جەڭگاھى بولۇپ، مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، بۇ، تەبىئىي ھالدا ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇتۇشنى، ئىمتىھان ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپ، قانداق ئىمتىھان ئېلىش بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا. بۇرۇن بەزى ئوقۇتقۇچىلار سىنىپتا كىتاب ئوقۇپ بەرسە، ئوقۇغۇچىلار يادلاپ، ئاندىن ئىمتىھان بېرەتتى. مانا بۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسىگە بولغان قىزغىنلىقىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. شۇڭا، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسىدە نەزەرىيە ئىمتىھانىدىن سىرت، يەنە ئېغىزچە ئىمتىھان، دەرسخانا مۇنازىرىسى، ھەمتۈرتكە پائالىيىتى قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق تەكشۈرۈش، نەزەرىيە يېزىق ئىمتىھان نومۇرىنىڭ ئومۇمىي نومۇردا ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي بىلىشى ۋە كونكرېت ھەرىكىتىنى كۆپرەك تەكشۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاشۇرغاندا، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسى «يادلاپ يۇقىرى نومۇر ئېلىش» دەرسى بولماستىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغايدىغان دەرسلىككە ئايلىنىدۇ.

  ئومۇمەن ئېيتقاندا، ياخشى بولغان ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسلىكى نوقۇل سۈرلۈك چىراي ئىپادىسىگىلا تايانماستىن، بەلكى تېخىمۇ رەڭدارلىققا يۈزلەنسە، ئىستۇدېنتلار ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە دەرسىنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى «مېنى ئۆگەنسۇن» دېگەن شەكىلدىن «مەن ئۆگىنىمەن» دېگەن شەكىلگە ئۆزگەرتىپ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن تەڭ يېتىلگەن جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەملەردىن بولۇپ چىقالايدۇ.

  (خەنزۇچە «شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىندى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر