باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرايلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018- يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن (4)

2018.01.05 15:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋاقىت تەرتىپى ئالمىشىش داۋامىدا، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىنىڭ قەددى- قامىتى ئىزچىل ئۆزگەرمەيدۇ؛ تارىخ كوردىناتىدا، ئىسلاھاتچىلارنىڭ قەدەم ئىزى ئىزچىل ئېنىق قالىدۇ.

  2018- يىلى، بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز، بۇ ناھايىتى مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنى. رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە: «بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تاغ- دەريالاردىن ھالقىپ، ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك»، دەپ تەكىتلىدى. جاراڭلىق سۆز، تەنتەنىلىك خىتابتا قۇدرەتلىك ئىسلاھات ئېتىقادى نامايان قىلىنىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش قەتئىي ئىرادىسى جاكارلاندى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش 40 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، «ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش» ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كۈرەش قىلىش روھىغا ئىلھام بېرىپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىگە، ئەڭ كۈچلۈك ساداسىغا ئايلاندى.

  40 يىللىق بوران- چاپقۇن، 40 يىللىق قالتىس دەۋر، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى «دەۋرىمىزدىكى كىشى قەلبىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان ئىش»قا ئايلاندۇردى. شياۋگاڭ كەنتىدىكى بىر پارچە «ھۆددىگەرلىك توختامى»غا قاينام- تاشقىنلىققا تولغان دەۋر ھېكايىلىرى پۈتۈلگەنىدى؛ شېنجېن شېكۇدىكى باش تېما مۇزېيى باشلامچىلارنىڭ دادىل ئىزدىنىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ؛ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى «ئىسلاھات ئارقىلىق گۈللەنگەن» «پۇدۇڭ مۆجىزىسى»گە شاھىت بولماقتا... 1978- يىلىدىن باشلاپ ئىسلاھاتقا ئاتلانغان جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ 200 نەچچە ھەسسە ئېشىشىدەك «مۆجىزىلەرچە ئىلگىرىلەش»نى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، «دەۋرگە يېتىشىۋېلىش»تىن «دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىش»قىچە بولغان ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى»غا ئايلاندى. بۇ، جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىدىغان ئىش، بۇ، ئالدىنقىلار مېڭىپ باقمىغان يول، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ بۇ شانلىق 40 يىلى تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغۇسى.

  تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكى بىز بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى، ئۆتكەن بەش يىلدا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات دولقۇنى جۇش ئۇردى. 1500 تۈرلۈكتىن ئارتۇق ئىسلاھات تەدبىرى پۇختا يولغا قويۇلۇپ، ئىسلاھات دائىرىسى كېڭەيتىلدى؛ داۋالىنىش، كۈتۈنۈش قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەتلەر تېخىمۇ كۆپ كىشىگە نەپ يەتكۈزۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىللىقلىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى؛ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئامىللىرىنىڭ تەقسىملىنىشى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئىسلاھاتنىڭ زىللىقى ئەكس ئەتتۈرۈلدى؛ خەلق ئارمىيەسى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قايتا ئوبراز تىكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئاشۇردى؛ گوۋۇيۈەن تارماقلىرى مەمۇرىي تەستىق تۈرىدىن 618نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ سالمىقىنى نامايان قىلدى... «ئۇلۇغ ئويغىنىش» دەپ قارالغان، «ھاياتىي كۈچ مەنبەسى» دېيىلگەن، «مۇھىم ئەڭگۈشتەر» دەپ تەرىپلەنگەن، «مۇقەررەر يول»غا ئوخشىتىلغان بەش يىللىق ئىسلاھات تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە تۈرتكە بولۇپ، خەلق جۇمھۇرىيىتىنى تېخىمۇ گۈللەپ ياشناتتى.

  ئىسلاھات چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىردى، ھەر بىر قەدەمنى ئېلىشمۇ ئانچە ئاسان ئەمەس. تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىققا دائىر بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېخى ھەل بولمىدى، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە تېخى بىرمۇنچە كەمتۈكلۈك بار، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئىجتىمائىي زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر گىرەلىشىپ كەتتى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەش ھېلىھەم مۇرەككەپ... پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار دەل ئىسلاھاتنىڭ كېيىنكى قەدەملىرىدە كۈچەش زۆرۈر بولغان نۇقتىلاردۇر. «ھەممە يەرنى قارا تۇمان قاپلىسىمۇ ھودۇقماسلىق»تەك ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە بىلەن قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، «خەلق مەركەز قىلىنغان» تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتساق، بىز چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يىمىرىلمەس ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئالدىنقىلار ئاچقان بۇ يولنى داۋاملىق ئۇزارتالايمىز.

  «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلىشىدىكى مۇقەررەر يول، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول». يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويغاندا، تاغ- دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتىدىغان غەيرەت- شىجائەت، تامچە سۇ تاشنى تېشەلەيدىغان، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سالالايدىغان قەيسەر ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى «تاغ»، «چوققا»لارنى بويسۇندۇرساق، 100 يىلدىن بۇيان مەۋج ئۇرۇۋاتقان مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە يەنىمۇ ئىشقا ئاشقۇسى، جۇڭخۇا مىللىتى چوقۇم تېخىمۇ جۇشقۇن قىياپەتتە دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا قەد كۆتۈرگۈسى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- يانۋار تېلېگراممىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر