باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

شەكىلۋازلىق ۋە تەرسالىق قىلمايلى

— رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018– يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن(3)

2018.01.03 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئېغىر ۋەزىپىسىنى نېمىگە تايىنىپ تاماملايمىز؟ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىنى نېمىگە تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز؟ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە پەيتنى قولدىن بەرمەي ھەرىكەت قىلغۇچىلار، پۇختا ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرنى چاقىرماقتا.

  «شەكىلۋازلىق ۋە تەرسالىق قىلماسلىق كېرەك»، رەئىس شى جىنپىڭ 2018-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە لى داجاۋنىڭ ھېكمەتلىك سۆزى بىلەن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھى، جاسارەتلىك قىياپىتىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق، جاپالىق ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش ئاساسىي مېلودىيەسى، ئاساسىي رىتىمىنى بېكىتتى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 30 يىللىق گۈزەل پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلىدا بۇ پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  بىز تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز، بۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ گىرەلەشمە مەزگىلى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەپ، شانلىق بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. بۇنداق مۇھىم پەيتتە خام خىيال ۋە قۇرۇق ئابرۇيغا بېرىلسە بۇ مۇساپىنى ياخشى تاماملىغىلى، ئۆتكەلدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ دېگەنگە ئوخشاش «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى روياپقا چىقىرىشتا ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك».

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ يېڭى ئىپادىسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «<تۆت خاھىش>نى تۈزىتىشنى توختاتماسلىق، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش»نى تەكىتلىدى. ئەڭ ياخشى ئىستىل، پۇختا، ئەمەلىي ئىش قىلىشتۇر. بىز كوممۇنىستلار شۆھرەتپەرەسلىككە قىزىقمايمىز، شەكىلۋازلىق قىلمايمىز، ئابرۇيغا بېرىلمەيمىز. « توققۇز قەۋەتلىك مۇنار پارچە كېسەكتىن قوپۇرۇلىدۇ» مەيلى خام خىيال ياكى قۇرۇق ئابرۇي بولسۇن ئاغزىدا شەھەر ئېلىشنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ، بىزدە بولۇشقا تېگىشلىكى ئەتراپىمىزدىكى كۈندىلىك ئىشلارنى جايىدا، پۇختا ئىشلەش پوزىتسىيەسىدۇر. شەكىلۋازلىق ۋە تەرسالىق قىلماي، خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتچىلىقنى قاتتىق توسۇپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنى ئەمەلىي، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر