باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىنى ئېچىشنىڭ ھەيۋەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى

— 2017-يىللىق تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

2018.01.03 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئۆزگىرىش چوقۇم ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش داۋامىدا ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى تېخىمۇ روشەنلىشىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

  2017-يىلىنى ئەسلىسەك، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەر پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، تېخىمۇ جاراڭلىق ئاساسىي مېلودىيە، تېخىمۇ كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ بىلەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىنى ئېچىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  ئىدىيە بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، پارتىيە ۋە خەلق قەلبى زور دەرىجىدە ئۇيۇشتى

  2017-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى پۈتۈن دۇنيا كۆزىنى تىككەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

  دەۋر بۆلگۈچ، ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ قۇرۇلتاي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىدىيە بايرىقى، جۇڭگو خەلقىنىڭ مەنىۋى بايرىقىنى تىكلىدى.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ھەيۋەتلىك مۇساپىسىدە، قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچى ۋە ئۆزگىچە ئىدىيەۋى سېھرىي كۈچ بېرىدىغان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى نۇرلۇق مەشئەلگە ئوخشاش مىلياردلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى.

  بايراق يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ، مەشئەل كەلگۈسىنى يورۇتتى. ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى تايانچى، ئىدىيە جەھەتتىكى نىزامى، ھەرىكەت جەھەتتىكى قىبلىنامىسىگە ئايلاندۇرۇش تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر