باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى «خەلققە بەخت يارىتىش ئەڭ چوڭ نەتىجە» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلدى

2018.01.02 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن نەشردىن چىققان خەلق گېزىتىدە «خەلققە بەخت يارىتىش-ئەڭ چوڭ خىزمەت نەتىجىسى-رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018-يىللىق تەبرىك سۆزىدىن ئىلھام» دېگەن ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: 2017-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، ۋاقىت كوممۇنىستلارنىڭ نەزىرىدە خەلقنىڭ ھەرگىز ئۇنتۇلمايدىغان، ئۆزگەرمەيدىغان ئەسلى مەقسەت ئىكەنلىكى، تېخىمۇ مۇھىمى داۋاملىق كۈرەش قىلىشنىڭ مەڭگۈلۈك مەنزىلى ئىكەنلىكىدە ئۆزگەرمەي چىڭ تۇرۇشىغا شاھىت بولدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ 2018-يىللىق تەبرىك سۆزىدە قىلغان «مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئىجادىي ئۇلۇغ كۈچكە تەنتەنە قىلىمەن، مىليونلىغان ئاددىي كىشىلەر ئەڭ ئۇلۇغ، بەخت كۈرەش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەيلى، ئىسلاھاتنى ئاداققىچە ئېلىپ بارايلى، قۇرۇق خىيال قىلمايلى، تېرە تاراقشىتمايلى، خەلققە بەخت يارىتىش ئەڭ چوڭ نەتىجە» دېگەن سۆزلىرىدىن شان-شەرەپ ۋە ئارزۇ ئۇرغۇپ تۇرغان، ئىشەنچ ۋە ئىرادىگە تولغان بولۇپ، مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەتكە شاھىت بولدى. مەردانە ساداغا تولغان سۆزلەر مىليونلىغان ئاممىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى.

  «خەلققە بەخت يارىتىش ئەڭ چوڭ نەتىجە»-ئۇيۇلتاشتەك ئىشەنچ شۇنداقلا قەتئىي كۈچلۈك ھەرىكەت. بىر مىنۇتتا 20 دىن ئارتۇق ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، نۇرغۇن نامرات ئامما گۆشمۇ يېيەلمەيدىغان ئەھۋالدىن ئىنتېرنېت ئىشلىتىدىغان سەۋىيەگە يېتىپ، خىش كاھىشلىق ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان بولدى؛ بىر كۈندە يېڭىدىن 40 مىڭدىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتى كۆپىيىش ئارقىلىق، نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگۈچى كۆڭلىدىكىدەك ماكانغا ئېرىشتى؛ بەش يىلدا يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقان نوپۇس ئەنگلىيە نوپۇسىغا باراۋەر كەلدى، نۇرغۇن ئادەم تېرىشىش ئارقىلىق ئائىلىسىگە تىرەك بولۇپ، تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. ئاددىي كىشىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يېڭى دەۋرنىڭ ئىللىق ئىزناسىنى قالدۇرۇپ، «خەلقنى مەركەز قىلىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى نامايان قىلىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ داھىيسى بولغان رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خەلققە بولغان مۇھەببىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۇنياغا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ «جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەيدىغان» بۇرچ ۋە ئەسلى مەقسىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.

  جۇڭگودا ئەڭ ياخشى خەلق بار، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتى دۇنيا تەرىپىدىن «تىرىشچانلار ئىنقىلابى» دەپ ئاتالدى، مىليونلىغان خەلق ئۆزلىرىنىڭ ئەمگىكى، باتۇرلۇقى، پاراسىتىگە تايىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل يۇرت-ماكانىنى قۇرۇپ چىقتى. يېڭى بىر يىلدا، خەلقنىڭ يەنە نۇرغۇن كۆڭۈل بۆلىدىغان، تىت-تىت بولىدىغان ئىشلىرى بار، يەنە ياشلارنىڭ ئۆي باھاسى، مال باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقى ھەققىدىكى باش قېتىنچىلىقى بار، يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىمۇ بار، يەنە ئىشلەمچىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىللىقلىق، تېخىمۇ كۆپ كاپالەتكە ئېرىشىش ئۈمىدى بار، يەنە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشتا تېخىمۇ ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشىش، تېخىمۇ ياخشى چىقىش يولىغا ئېرىشىش ئارزۇسى بار. «خەلققە بەخت يارىتىش ئەڭ چوڭ نەتىجە»-بىزدىن خەلققە تېخىمۇ چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، پۇقرالارنىڭ ئامانلىقى ۋە خەۋپى، ھال-ئەھۋالىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ قايغۇسى ۋە خۇشاللىقلىرىغا ھەمدەمدە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل قىلىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ رەڭدار سەھنىسىنى تېخىمۇ كەڭ، ئارزۇنىڭ يولىنى تېخىمۇ پارلاق قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

  تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى-خەلققە بەخت يارىتىش؛ خەلققە بەخت يارىتىش-بىزنىڭ بارلىق خىزمىتىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە نىشانى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىرسىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش-جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى كۆك نامراتلىقنى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىش ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاران ئۈچ يىل قالدى، ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر. «مىليونلىغان ئاددىي كىشىلەر ئەڭ ئۇلۇغ»، خەلقنىڭ كۈچى قوزغىتىلغان ھامان، ئالەمشۇمۇل ئۇلۇغ كۈچكە ئايلىنىدۇ. پەقەت بىز «خەلقنى مەركەز قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ تۈپ ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىدىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن يولغا چىقىپ، سىياسەتلەرنى دەل يولغا قويساقلا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ ئۇلۇغۋار ئىشنى چوقۇم ئورۇنلىيالايمىز.

  يەنە قانچىلىك ئۇزۇن يول باسساق، يەنە قانچىلىك يىراق كەلگۈسىگە يېتىپ بارساقمۇ، خەلق-مەڭگۈ بىزنىڭ ئەڭ ھالقىلىق سۆزىمىز بولىدۇ. ئەڭ ئۇلۇغ كۈچنىڭ مەنبەسى خەلق، ئەڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىش خەلققە باغلىق، ئەڭ ئەمەلىي نەتىجە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، «جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان» پارتىيەمىز خەلق تۇرمۇشى تىندۇرمىسىغا تولغان جۇڭگو ھېكايىسىنى جەزمەن يېڭى تارىخىي سەھىپىگە يېزىپ كىرگۈزگۈسى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر