باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

قانۇن چىقىرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2017.12.29 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «قانۇن چىقىرىشتا چېتىلغان زور مەنپەئەت تەڭشەش بويىچە دەلىللەش، مەسلىھەت بېرىش توغرىسىدىكى خىزمەت قائىدىسى»، «تالاش-تارتىش چوڭراق بولغان مۇھىم قانۇن چىقىرىش تۈرلىرىدە ئۈچىنچى تەرەپ باھالاشنى كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى خىزمەت قائىدىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، قانۇن چىقىرىشتا چېتىلغان زور مەنپەئەت تەڭشەش بويىچە دەلىللەش، مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنىڭ تەرتىپىنى بېكىتىپ، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى بىلەن جامائەتنىڭ ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن زور مەنپەئەت تەڭشەش مەسىلىسى ۋە تالاش-تارتىش چوڭراق بولغان مۇھىم قانۇن چىقىرىش ئىشلىرىنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئىككى خىزمەت قائىدىسى قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ قانۇن چىقىرىش مېخانىزمى ۋە تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، دېموكراتىك يول بىلەن چىقىرىش، قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئىككى خىزمەت قائىدىسى قانۇن چىقىرىشتا لايىھە تەييارلاش، دەلىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە قاراپ چىقىش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى. قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، دېموكراتىك يول بىلەن چىقىرىش قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈپ يولى. قانۇننى ئىلمىي چىقىرىشنىڭ يادروسى قانۇن چىقىرىشتا ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى ھۆرمەتلەش ۋە گەۋدىلەندۈرۈش. ئىككى خىزمەت قائىدىسى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك، قولايلىق خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىش ئارقىلىق، قانۇن چىقىرىش تەدبىرى مۇۋاپىق بولماسلىق، ئۇزاققىچە سۆرەپ ھەل قىلماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قانۇن چىقىرىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇن چىقىرىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇن چىقىرىش جەريانىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، دەرھاللىقى، سىستېمىلىقلىقىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىپ، قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشچانلىقى ۋە قوللىنىشچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر