باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش پارتىيەنىڭ «تۆت ئىشەنچ»ىنى نامايان قىلدى

2017.12.26 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، پارتىيەمىز چوقۇم يېڭىچە كەيپىياتتا يېڭىچە ئىش قىلىشى كېرەك. يېڭىلا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن تەۋرەنمەي، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈلگەن پارتىيە ئىچىدىكى بىر يۈرۈش ئاساسىي غول نىزام، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدا شەكىللىنىدىغان بىر قەدەر مۇكەممەل پارتىيە ئىچىدىكى نىزام-تۈزۈم سىستېمىسى «تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك»نىڭ بىرى. پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى يولغا قويۇش، پارتىيەمىزنىڭ «تۆت ئىشەنچ»ىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئوچۇق، ئاشكارا ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش پۈتۈن پارتىيەنىڭ «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم يولى، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش، ئاممىنىڭ ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەر ھاسىل قىلىش ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىش ۋە تەشكىللەش، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش جەھەتتە پائال ئىزدىنىپ، مەركەز ئىلگىرى-كېيىن «پارتكوم ئاخبارات باياناتچىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، « پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدا پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى چىقاردى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلارغا كەڭ ئېچىۋېتىلىپ، چېگرا سىرتىدىكى مۇخبىرلارنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى؛ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئالىي دىپلومات، تاراتقۇلار تەكشۈرۈش زىيارەت ئۆمىكىنى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشكىلىي، كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى نەق مەيداندا چۈشەندۈردى؛ مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى «ئاممىغا ئېچىۋېتىش كۈنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، مۇتەخەسسىس-ئالىملار، كادىرلار-ئاممىنى بۆلۈمنىڭ تارىخىي كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، تاشقى ئىشلار پائالىيىتىنى كۆرسەتتى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمىتى ناھايىتى ياخشى بولدى، پۈتۈن مەملىكەت ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى 285 مىليون كىشى تېلېۋىزور ئالدىدا باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆردى، 186 مىليون كىشى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنىنى كۆردى، قۇرۇلتاي مەزگىلىدە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تېلېۋىزىيە تېرمىنالى ۋە يېڭى تاراتقۇ تېرمىنالى 20 مىڭغا يېقىن خەۋەر ئېلان قىلىپ، تۇنجى قېتىم «پارتىيە ۋەكىلى يولى»نى يولغا قويدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، ئامما بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق 19-قۇرۇلتاي ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر قاتلام، يېقىن ئارىلىقتىن چۈشىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئوچۇق، ئاشكارا بولۇشتەك ياخشى ئوبرازىنى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، پارتىيەمىز يۈكسەك ئىشەنچىنىڭ يېڭى قىياپىتى نامايان قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر