باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تارىخىي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى مۇساپىنى ئاچايلى

__ ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقى توغرىسىدا

2017.12.25 13:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەملىكەتلىك 13-قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىشغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزدىكى سەككىز دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھنىڭ بەش يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، بۇ نۆۋەتلىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى، پارتىيە-گۇرۇھلار نىزامنامىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سايلاپ چىقىلدى.... بىر ئايدىن بۇيان، سەككىز دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېكىتىلگەن قارالمىلارنى تاماملاپ، يېڭىلار بىلەن كونىلارنىڭ ئورۇن ئالمىشىشىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇردى.

  ئورتاق تونۇش تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، قوشۇن تېخىمۇ مۇۋاپىقلىشىپ، نىشان تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى. دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىدۇ.

  تارىخىي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي مېڭىش كېرەك

  جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 16-قۇرۇلتىيى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى جەنشۇ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

  ئۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىق ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى قاتارلىق دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلىپ، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ياراتقان شانلىق نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھەر قايسى پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا تەبرىك سۆز قىلغاندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىگە ئاڭلىق ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى قوغداپ، ئەزالارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات تىلغا ئېلىنغاندا بىردەك مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر