باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

2017.12.14 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۆت ناتوغرا ئىستىلنى تۈزىتىش شامىلى توختاپ قالسا بولمايدۇ،، ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلغان: «شەكىلۋازلىق، بىيوكراتلىق يېڭى ئىپادىسىدىن ئاگاھ بولۇش كېرەك»ماۋزۇلۇق ماقالىسىدا پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەققىدە مۇھىم كۆرسەتمە بەردى.

  بۇ مۇھىم كۆرسەتمىدە جەمئىيەتتىكى ئىللەتلەر دەل كۆرسىتىپ بېرىلىپ، مول مەزمۇن، ئېنىق تەلەپلەر بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئىستىلنى مەڭگۈ چىڭىتىش روشەن ئىپادىسى ۋە قەتئىي ئىرادىسى تولۇق نامايان قىلىنىپ، جايلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى چېن مىڭجې مۇنداق دېدى: تۆت ناتوغرا ئىستىلغا قارشى تۇرۇش كۆرۈشى توختاپ قالسا ، ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلسا بولمايدۇ. بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شەھەرلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى ئاڭلىقلىق بىلەن باش شۇجىنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھى بويىچە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىدۇ بولۇپمۇ قانداق قىلىپ ئىش بېجىرىش ھالقىلىرىنى قىسقارتىش، خىزمەت يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە كۈچ چىقىرىپ، تۈرلۈك شەكىلۋازلىق ۋە بيوكراتلىقنى كۈچەپ تۈگىتىدۇ.

  شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونى مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ مۇدىرى جياڭ خوڭجۈن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى بېكىنمە ئەمەس، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا بازار ۋە ئاممىنىڭ رازىلىق دەرىجىسى ئارقىلىق باھالاش كېرەك، پۇدۇڭ يېڭى رايونى مۇلازىمەت زالىدا مەخسۇس ئىنكاس روجىكى ئاچتى، ئامما ۋە كارخانا ئىش بېجىرىش جەريانىدا قانداق مەسىلىلەرگە يولۇقسا، قانداق تەكلىپ پىكرى بولسا، بىۋاسىتە بۇ روجەككە كېلىپ ئىنكاس قىلىپ، مەسىلىسىنى ھەل قىلسا بولىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە بىز يەنە مۇلازىمەتنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئىنتېرنېت قوشۇلغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاممىغا قولايلىق يارىتىمىز، مۇرەككەپ ئىشلارنى سىستېمىدا ھەل قىلىمىز.

  لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى دىڭ شۈنشېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بېرى لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئىشخانىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى خۇييوڭ، شېنياڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى چى مىڭ، ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن سابىق نازىرى ۋېي يۆخۈي قاتارلىق 8 كىشىنىڭ مەسىلىنى تەھلىل قىلىش دوكلاتى ۋە تۆۋىنامىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنى كۆزگە ئىلماي، ئالدىدا بىر خىل كەينىدە بىر خىل بولۇش، شەخسىي ئارامگاھلاردا كۈتۈلۈش، ئومۇمنىڭ ماشىنىسىنى شەخسىي ئىشلارغا ئىشلىتىش، شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى بىر-بىرلەپ ئاشكارىلىدى، بۇ پۈتۈن ئۆلكىدىكى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى، تۆت ناتوغرا ئىستىلنى تۈزىتىشتە چوقۇم ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن باشلاپ قىلىش، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، قاتلاممۇ قاتلام باشلامچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ناتوغرا ئىستىلنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋۇخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شى ۋەنيۇن مۇنداق دەپ قارىدى: ئىستىل قۇرۇلۇشى كىشىلەرنىڭ مايىل بولۇش ياكى بولماسلىقى، پارتىيەنىڭ ھايات ماماتلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ۋىلايەت شەھەر دەرىجىلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز مەڭگۈ توختاپ قالماسلىق ئىرادىمىز بىلەن ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈگىتىشىمىز، ئاڭلىقلىق بىلەن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز، مەسئۇلىيىتمىزنى تونۇپ ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي ئادا قىلىشىمىز، ئېسىمىزدە مەھكەم ساقلىشىمىز، قولىمىزدا قاتتىق تۇتۇشىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىستىل قۇرۇلۇشىدا داۋاملىق ئەلا نەتىجە يارىتىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر