باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچايلى

__ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-قۇرۇلتايدىن كېيىنكى تۇنجى زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقى توغرىسىدا

2017.11.16 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن ھازىرغىچە بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيەسىدىكى مۇھىم كۈنتەرتىپلىرى زىچ گىرەلەشتى. شەرقتىكى چوڭ دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن تاشلىغان قەدىمى ھەيۋەتلىك قاينام تاشقىنلىققا تولغان يېڭى كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، بۇ مۇھىم ھۆكۈم جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىنى كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو كۈنسېرى دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە يېقىنلىشىپ، ئىنسانىيەتكە توختىماي تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشتى. «دۇنيانىڭ تەقدىرى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ قولىدا، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى تاللىغان يولغا باغلىق. جۇڭگو خەلقى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ!» 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن دۇنيا ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئاسىي يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى.

  جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى مۇقەددىمىسى باشلىنىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭى ھېكايىلەر كەينى-كەينىدىن يېزىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن بېيجىڭدا ئۇچراشتى، رەئىس شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ داناڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى(APEC)نىڭ 25-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى، شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى سالاھىيىتى بىلەن ۋىيېتنام، لائوستا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى... دۇنيا جۇڭگونىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىلاپنى تىزگىنلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقى، شۇنداقلا رايونلار ۋە دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىشنى كۆزلىگەنلىكى؛ APEC سۇپىسى ئارقىلىق ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئېچىۋېتىش ئاساسىدىكى تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىنى ئورتاق قوغداپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئورتاق قېزىپ، كەلگۈسى ھەمكارلىق پىلانىنى ئورتاق تۈزگەنلىكى؛ تەنتەنىلىك بىلەن ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق يېڭىش ھەمكارلىقىغا يېڭى پۇرسەت ئاتا قىلىپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قوشقانلىقىنى كۆردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر