باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزى توغرىسىدا

2017.11.16 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  30 مىڭ نەچچە خەتلىك 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا «خەلق» دېگەن سۆز 200 نەچچە قېتىم تىلغا ئېلىندى، «ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى» ئۈچ قېتىم تەكىتلەندى، «خەلقنى مەركەز قىلىش» تۆت قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە نىسبەتەن «خەلق» ئۇنىڭ ئەڭ تۈپ پەلسەپەسى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە «خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر خەلققە مەنسۇپ» دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىشى خەلقنىڭ مۇستەھكەم مەيدانىنى نامايان قىلدى، كىشىلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، ئەڭ روشەن سىياسىي تۈسىنى كۆردى. شەرەپنى خەلققە مەنسۇپ قىلىپ، خەلقنى كۆڭلىگە پۈككەن، خەلقنى كۈچ مەنبەسى قىلغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە خەلق پارتىيەسى بولۇشقا مۇناسىپ، بۇنداق يۈز يىللىق چوڭ پارتىيە مەڭگۈ پاك تۇرالايدۇ.

  بەزى دۆلەتلەر پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئىقتىساد، دىپلوماتىيە ھەتتە ھەربىي ئىشلار كۈچىگە قويغاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى «خەلق بىزنىڭ كۈچ مەنبەيىمىز»، «خەلق پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ كۈچ» دېگەندە قەتئىي چىڭ تۇردى. بۇ ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئېتىقادى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ يۈز يىلغا يېقىن بوشاشماي كۈرەش قىلىش تەجرىبىسى. ئۇزۇن سەپەردىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئايىغىدىن خۇەيخەي ئۇرۇشىدىكى كىچىك ھارۋىغىچە؛ شياۋگاڭ كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ بارماق ئىزىدىن «ئەڭ ئۇتۇقلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسى»غىچە شۇنى ئىسپاتلىدىكى خەلقنىڭ كۈچى قوزغىتىلسىلا، جاھاننى ئۆزگەرتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنىدۇ. مانا مۇشۇنداق مىلياردلىغان ئاممىنىڭ تۈرتكىسىدە، قىزىل كېمە نەنخۇدىن يولغا چىقىپ، شىددەتلىك ئېقىن، قىيىن ئۆتكەللەردىن ھالقىپ، مىللەتنىڭ ئۈمىدى يۈكلەنگەن چوڭ پاراخوتقا ئايلاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر