باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە ئىشقا ئاشىدۇ

-باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئاخباراتچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن

2017.11.09 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 70 يىلغا يېقىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، «1949-يىلىدىن 2049-يىلىغىچە» بولغان بۇ گۈللىنىش، قۇدرەت تېپىشتىكى ۋاقىت جەدۋىلى ئىنتايىن مۇھىم «كېيىنكى يېرىم مۇساپە»گە قەدەم قويدى. مىللەتنىڭ گۈللىنىش ئارزۇسىنىڭ دەرۋازىسىنى نېمىگە تايىنىپ ئاچىمىز؟ قانداق قىلغاندا زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىشتىكى تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتالايمىز؟

  «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر»، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە ئىشقا ئاشىدۇ». باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئاخباراتچىلار بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيىتىنى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىدى. مەردانە قىلىنغان سۆزلەر ئۆتمۈشتىن چىقىرىلغان خۇلاسە، شۇنداقلا كەلگۈسى ئۈچۈن تۈزۈلگەن پىلان؛ ئۇ جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىرادىسى، شۇنداقلا ئىسلاھات توغرىسىدىكى خىتاب.

  تارىخ كەلگۈسىنى چۈشىنىدىغان ئاچقۇچ. 30 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بېيجىڭدا چەت ئەللىك بىر مودا كىيىم لايىھەلىگۈچىنىڭ ئۇچىسىدىكى قارا يۇڭ پەلتۇغا نۇرغۇن كىشى ھەيران بولۇپ قارىشىپ قالغانىدى؛ ھازىر جۇڭگو قىزىلى، جۇڭگو ئۇسلۇبى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مودا كىيىم ھەپتىلىكىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلغا ئايلاندى. 30 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، دۆلىتىمىزنىڭ GDP سى ئاران 364 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىدا ئىدى؛ ھازىر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 200 نەچچە ھەسسە قاتلاندى، يىللىق ئېشىش مىقدارى ئوتتۇرھال تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىزنى «چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشتۈردى»، جۇڭخۇا مىللىتىنى ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا ئېرىشتۈردى.

  تەرەققىيات بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. دىڭ شياۋپىڭنىڭ «ئىسلاھ قىلمىساق ئۆلۈمدىن باشقا يول يوق» دەپ چاقىرىق قىلىشىدىن تارتىپ، شى جىنپىڭنىڭ «ئىسلاھاتتا توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئېچىۋېتىش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ» دېگەن مەردانە قەسىمىگىچە، جۇڭگو موھتاجلىق ئىچىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىغا ماڭدى، شۇنداقلا داۋاملىق كۈرەش قىلىش جەريانىدا بۇ ئۇلۇغ يول بىلەن ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىدى. بەش يىل ئىلگىرى غەرب تاراتقۇلىرى «جۇڭگو يەنە بىر توسۇقتىن ئاتلاپ ئۆتۈشى كېرەك» دەپ مىسال كەلتۈرگەن ئىدى، ئەمما ھازىر ئۇلار «جۇڭگونىڭ داۋاملىق باش كۆتۈرۈشى»دىن ئەجەبلەنمەكتە. بىز تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىش، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىشتەك جاسارەت، تامچە سۇ تاشنى تېشەر، تانا بىلەنمۇ تاختاينى تىلغىلى بولۇر دېگەن چىدام-غەيرەت بىلەن مىسلى كۆرۈلمىگەن تارىخىي ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، يېقىنقى زاماندىن بۇيان، ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، باي بولۇشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر