باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مۇھىم ۋاقىت نۇقتىسى بىزنىڭ خىزمەت كوردىناتىمىز

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزى توغرىسىدا

2017.11.08 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋاقىت تارىخنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا قايتا باشلاندى.پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك «ئارزۇ كوماندىسى» ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇساپىسىنى باشلاپ، يېڭى دەۋرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ئېچىشقا باشلىدى.

  «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى جەزمەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بەل باغلىغان، 100 يىللىق پىلان پەقەت ئۇنىڭ باشلىنىشى»، «خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى»، «چوڭنىڭ چوڭغا چۇشلۇق سۈپىتى بولۇشى كېرەك».... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى بىلەن بىللە 10-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزى پاراسەت، ھېسسىيات ۋە ئىشەنچكە تولغانىدى. ئۇنىڭ جاراڭلىق سۆزلىرى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، كۈرەش دولقۇنى كۆتۈردى.

  2018-يىلى ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى؛ 2019-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى؛ 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغان يىل؛ 2021-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى... باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ مۇھىم ۋاقىت نۇقتىلىرى دەل بىزنىڭ خىزمەت كوئوردىناتىمىز. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلىدە بۇ ۋاقىت نۇقتىلىرى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، 19-قۇرۇلتايدا پىلانلىغان يېڭى دەۋردىكى ئالغا ئىلگىرىلەش رىتىمىمىز، خىزمەت ئورنىمىزنى بەلگىلىدى.

  تارىخىي نەزەر دائىرىسىنى ئېچىش، ۋاقىت نۇقتىلىرىنى چىڭ تۇتۇش، خىزمەت كوردىناتىنى بېكىتىشتەك باش شۇجى شى جىنپىڭ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن پىلان تۈزۈپ چىقتى، ئەمەلىيەتچىللىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، بۇلار بىزنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. ۋاقىت نۇقتىسىنى كوردىنات قىلغاندا ھالقىلارنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ، ئارقا-ئارقىدىن غەلىبە قىلىپ، مۇقىم ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ؛ تارىخىي ئورۇندا تۇرۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى پىلانلىغاندا، ۋەزىيەتنى ئېنىق ئىگىلەپ، توسالغۇلارنى يوقىتىپ، جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. مۇھىم نۇقتىدا تۇرۇپ ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، «كېمىگە سۇ كىرگەن» خەتەرلىك ئورۇندىن دەس تۇردۇق، «كەمبەغەل ۋە قالاق» باشلىنىش نۇقتىسىدىن بېيىشقا يۈزلەندۇق، «تەۋەلىكتىن قوغلاپ چىقىرىش» تەك چەتلەشتۈرۈشتىن قۇدرەت تاپتۇق، كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەگرى-توقاي بولىدىغانلىقىنى تونۇق يەتتۇق. ۋاقىت نۇقتىسىدا تۇرۇپ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتەك مىڭ يىللىق ئارزۇيىمىز روياپقا چىقىدۇ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ 100 يىللىق نىشانىغا مۇددەتتىن بۇرۇن يېتىمىز، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت چاقىرىقى ئالدىدا غايىمىزنى ھامان روياپقا چىقىرايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ يەتتۇق. تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلىدىغان بۇ ۋاقىت نۇقتىلىرى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر