باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى

-پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (10)

2017.11.07 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى دەۋر مۇساپىسىگە قەدەم تاشلىغاندا، ئۇلۇغ ئارزۇ بىزنى كۈرەش قىلىشقا چاقىرماقتا؛ يېڭى تارىخىي ئورۇندا تۇرغىنمىزدا، گۈللىنىشنىڭ پارلاق كەلگۈسى بىزنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىمەكتە.

  «جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش»؛ بۇ يېڭى دەۋر «پۈتكۈل جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغان دەۋر»؛ «ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت پارلاق كەلگۈسىگە ئاتلىنىش كېرەك»...

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سانسىزلىغان ئىرادىلىك زاتلارنىڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى، پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي بۇرچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىنىپ قايتا تىلغا ئېلىندى، بۇ كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنى ئىلھاملاندۇردى، كىشىنى روھلاندۇردى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرىق قىلىش كېرەك.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، بىز مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ چوڭ قەدەم تاشلاپ ماڭماقتىمىز. ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقتارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىمىز %30 تىن، دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىمىز %70 تىن ئېشىپ كەتتى... جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى «كۆز ئالدىمىزدا كۆرىنىپ تۇرىۋاتقان» پاراخوتتۇر، خۇددى سەھەردىكى قۇياشتەك «ھەر تەرەپكە نۇر چاچماقتا». بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىمىز تېخىمۇ كامىل ۋە ئىقتىدارىمىز بار. بىراق بۇ نىشانغا ئاسانلا ھەم ھە-ھۇ بىلەنلا يەتكىلى بولمايدۇ، پۈتۈن پارتىيە تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئادا قىلىشقا تولۇق تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر