باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيەنى قىلچە تەۋرەنمەي تېخىمۇ قۇدىرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

— پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (9)

2017.11.06 14:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. يېڭى دەۋردە يېڭىچە كەيپىيات بولۇشى، شۇنداقلا يېڭىچە ئىش تۇتىشىمىز كېرەك، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ شۇكى، پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ئىقتىدارى، ئاممىۋى تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي چاقىرىق ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى بىلەن كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشتىن ئىبارەت.

  «پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلىجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، پارتىيە رەھبەرلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، پارتىيەنى قىلچە تەۋرەنمەي تېخىمۇ قۇدىرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇشى شەرت». پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۇرۇشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا ئەمەل قىلىپ، «باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، خەلق چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزىنى ئۆزى ئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران-چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، جۈشقۈن ھاياتىي كۈچكە تولغان ھاكمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيە» قۇرۇش نىشانىنى كۆزلىگەن ھالدا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ ئىستراتېگىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ، پارتىيەنىڭ ھاكمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىچكىرلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسىي قىبلىنامە.

  96 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قارىماققا يېڭىش تەس بولغان قىيىن ئۆتكەللەرنى ئارقا-ئارقىدىن يېڭىپ، شانلىق تارىخقا پۈتۈلگەن ئىنسانىيەت مۆجىزلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ياراتتى؛ بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بىراق ھەل قىلىنماي كەلگەن قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، بېجىرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بىراق بېجىرلىمىگەن چوڭ ئىشلار بېجىرىلدى، بۇنىڭ ئاچقۇچى شۇكى، پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدۇق، يېڭى بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى ئۈستىگە ئېلىش، يېڭى مۇساپىگە تېخىمۇ ياخشى ئاتلىنىش، «تۆت چوڭ سىناق»، «تۆت خىل خەۋپ»كە تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيەمىز ئۆزىنى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر