باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋر «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرەيلى

ـــ پارتىيە 19-قۇرۇلتىينىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (6)

2017.11.03 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىدىغان سوتسىيالىزىم. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنىڭ تەلىپى بويىچە، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېڭى تارىخىي ئورۇندا تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئىشلار، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى جەھەتلەردىن يېڭى دەۋردە «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى بېكىتتى، ئۇ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يول خەرىتىسى، ئادەمنىڭ ئەتىراپلىق تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ۋەزىپەنامىسىدۇر.

  يېڭى دەۋر «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئالدى بىلەن ئىدىيە جەھەتتە تونۇشنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكى نامايەن بولدى، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئومۇمىيەتكە تاقىلىدىغان تارىخىي ئۆزگىرىش. خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا، تەرەققىياتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلغاندىلا، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ باراۋەر، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېمۇكراتىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى نامايەن قىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ؛ مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك مەەەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تويغۇسى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ سىجىل بولىدۇ؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيەتلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىققاندىلا، ئىنسانلار تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈپ تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋېلىشىش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر