باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېڭى دەۋرىگە داغدام قەدەم تاشلايلى

__ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

2017.10.30 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي ئورنىنى توغرا تونۇپ، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنى توغرا ئىگىلەش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشتىكى مۇھىم مەسىلە.

  « ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى ئەنە شۇ.» پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بۇ مۇھىم سىياسىي ھۆكۈم چىقىرىلدى، بۇ پارتىيەمىزنىڭ دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزم مېتودولوگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، تارىخ بىلەن رېئاللىق، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانى بىرلەشتۈرۈپ ئويلىنىش ئاساسىدا چىقىرىلغان توغرا يەكۈن. بۇ ھۆكۈم پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تۇرۇۋاتقان دەۋر كوردىناتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق تارىخىي ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  يېڭى دەۋرنى قانداق تونۇش كېرەك؟ بۇنى تارىخىي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى نەزەرىيە، تەرەققىيات يېڭى نىشانى، يېڭى زىددىيەت ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت تۆت قاتلامدىن ئىگىلەش كېرەك. بەش يىلدىن بۇيانقى تارىخىي ئۆزگىرىش جەريانىدا، ئۇزاقتىن بېرى ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىر مۇنچە قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان بىر مۇنچە چوڭ ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقىرىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قەدەم قويدى. پارتىيەمىز، يېڭى ئۇلۇغ كۈرەشتە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگو سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا يەنە بىر قېتىم تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دەۋر بۆلگۈچ نەزەرىيەنى شەكىللەندۈردى. بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نىشانىنى بېكىتتۇق. ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇمىيلىققا مۇناسىۋەتلىك بۇ تارىخىي ئۆزگىرىشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلىپىنى شەرھلىدۇق. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بىزدىن بۇ زور سىياسىي ھۆكۈمنىڭ مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە پائال ماسلىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر